ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىدىكى سودا سوممىسى ئېشىپ يېڭى رېكورت ياراتقان

ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىدىكى سودا سوممىسى ئېشىپ يېڭى رېكورت ياراتقان

 ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىدىكى سودا سوممىسى ئېشىپ يېڭى رېكورت ياراتقان

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 10-فېۋرال

«ۋولت كوچىسى» گېزىتنىڭ 9-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر كۈنسېرى يىرىكلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن پەيتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى سودا سوممىسى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا ئىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن كىرگۈزگەن ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى 536.8 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 6.3% ئاشقان. بۇ 2018-يىلىدىكى 538.5 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىمپورت سوممىسىغا يېقىنلاشقان. ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئېكسپورت سوممىسى 2022-يىلىدا 153.8 مىليارد دوللارغا يېتىپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1.6% ئاشقان. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 690.6 مىليارد دوللارغا يېتىپ يېڭى رېكورت ياراتقان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئو تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى سودا سوممىسىدا ئېشىش يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن باشقا رايونلاردىكى سودا مىقدارىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ مىقدارى تەدرىجىي ئازىيىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. مەسىلەن ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن مال ئىمپورت قىلىش مىقدارى 2017-يىلى 21.6% بولغان بولسا 2022-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 16.5% گە تۆۋەنلىگەن. ئوخشاش ۋاقىتتىكى ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىدىن كىرگۈزۈلگەن ماللارنىڭ مىقدارى ئەسلىدىكى 20.9% تىن 24.8% گە كۆتۈرۈلگەن. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدىكى يىرىك مۇناسىۋەتلەر سەۋەبلىك كېيىنكى بىرقانچە يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا تاشقى سودىسىدىكى تۇتقان مۇتلەقلىق ئورنىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە گېرمانىيە ئىقتىسادى نۆۋەتتە ئېغىر دەرىجىدە خىتايغا بېقىنىپ قالغان

جۈ فېۋرال 10 , 2023
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە گېرمانىيە ئىقتىسادى نۆۋەتتە ئېغىر دەرىجىدە خىتايغا بېقىنىپ قالغان

You May Like