غۇلجا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زەرگەر ياقۇپجان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلغان

غۇلجا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زەرگەر ياقۇپجان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلغان

 غۇلجا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زەرگەر ياقۇپجان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلغان

يۈسۈپجان تەييارلىغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6-ماي

ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياقۇپجان ھەسەن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بىلال ياقۇپجان ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلغان.

ياقۇپجان ھەسەن بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن بولۇپ، غۇلجا شەھىرىدە زەرگەرچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى تالانتى ۋە شەخسىي ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ ئېسىللىكى بىلەن غۇلجا خەلقى ئارىسىدا تونۇلغان جامائەت ئەربابى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىگە قاراتقان زىيانكەشلىكلىرى دولقۇنىدا 2019-يىلى بىگۇناھ ھالدا تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۈچ يىللىق قانۇنسىز تۇتقۇندىن كېيىن بۇ يىل قويۇپ بېرىلگەن ياقۇپجان ھەسەن ئۆيىگە قايتۇرۇلغاندا بەدىنى ئاجىزلاپ، 40 كىلوغا چۈشۈپ قالغان. ئۆيىگە قايتىپ چىققاندىن كېيىن ئاساسەن دېگۈدەك تاماقتىن قالغان ۋە روزى ھېيتنىڭ ھارپىسىدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان.

ھېيت كۈنى ياقۇپجان ھەسەننىڭ 20 ياشقا كىرگەن ئوغلى بىلال ياقۇپجان دادىسىنىڭ مېيىتىنى تۇپراق بېشىغا ئېلىپ ماڭغاندا يۈرىكى چىدىماي تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتكەن. كېيىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا بىلال ياقۇپجانمۇ يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېلېت خانىمنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا بۇنداق پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا قىياپىتىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئېچىپ بەرگەن. «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» ۋە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر جامائىتى ب د ت دائىرىلىرىنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە سۈكۈت قىلماسلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئادىل بولغان توغرا ھۆكۈمنى چىقىرىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تالىبان ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگەش پەرمانى ئېلان قىلدى، مارتتا قىزلار مەكتىپى چەكلەنگەن خەلقئارا جەمئىيەت ئەيىبلىمەكتە

يە ماي 8 , 2022
تالىبان ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگەش پەرمانى ئېلان قىلدى، مارتتا قىزلار مەكتىپى چەكلەنگەن خەلقئارا جەمئىيەت ئەيىبلىمەكتە

You May Like