خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازا لاگېرىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازا لاگېرىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

 خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازا لاگېرىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 24-ماي

ئەنگلىيە ب ب س تورىدا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپى» نامىدىكى سۈرەتلىك ھۆججەت خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسىدىن ئورۇن ئالدى. مەزكۇر ھۆججەتتە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە قامالغان، ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ تەپسىلىي ئارخىپى، قولغا ئېلىنىش سەۋەبلىرى، قامالغان تۈرمە ياكى لاگېرلارنىڭ تەپسىلىي ئادرېسلىرى، تۇتقۇنلارنىڭ فوتو سۈرەتلىرى، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى جازالاش ياكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن مەخپىي بۇيرۇقلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەت نۆۋەتتىكى شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە چوڭ تۇتقۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ زور ھەجىمدىكى ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر ھۆججەتنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىدا ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى داڭلىق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بىر قانچە يىل جەريانىدا ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغان بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن بۈگۈن يەنى 24- ماي كۈنى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىر ۋاقىتتا تەڭ ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت دەل شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان.

ئارمان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دادامنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى

سە ماي 24 , 2022
دادامنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى

You May Like