تاھىر ھامۇت ئامرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئېرقىي قېرغىنچىلىقى ھەققدە گۇۋاھلىق بەردى

تاھىر ھامۇت ئامرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئېرقىي قېرغىنچىلىقى ھەققدە گۇۋاھلىق بەردى

 

تاھىر ھامۇت ئىزگىل فەيسبۇك سەھىپىسىدىن ئېلىندى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 20 – ئۆكتەبىر

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «زىيانكەشلىكتىن ساقلاش: ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئۈچۈن چىقىش يولى بەرپا قىلىش» ماۋزۇلۇق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزۈمنىڭ تولۇق تېكىستى. 

ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

مېنى گۇۋاھلىق بېرىدىغان مۇشۇنداق بىر پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگىنىڭلار ئۈچۈن رەھمەت. 

2017-يىلى ئەتىيازدا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى باشلىدى. شۇ يىلى ئاۋغۇستتا، مەن ئائىلەمنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئائىلەمنى ئېلىپ ئامېرىكىغا قېچىپ كېلىپ پاناھلاندىم. مەن چەتئەلگە قېچىپ چىقالىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى تەلەيلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدىم. چۈنكى نۇرغۇنلىغان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامالغانلىقى ياكى چەتئەلگە چىقىش يولى ئېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ماڭا ئوخشاش پۇرسەتكە ئېرىشەلمىدى.

پاسپورت بەرمەسلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ پاناھلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن قوللانغان مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئون يىل بۇرۇنلا ساياھەت ئەركىنلىكە دەخلى-تەرۈز قىلىدىغان بۇ خىل قىلمىشنى كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلغانىدى.

2015-يىلىدىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئاۋۋال ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنغانىدى. 2017-يىلىدىكى زور تۇتقۇن باشلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭمۇ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىندى.ۋەھالەنكى، ئاشۇنداق قىيىن شارائىتتا، چەتئەلگە چىقالىغان خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار يەنىلا بىخەتەر تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشەلىگىنى يوق.

مەن ئامېرىكادا پاناھلىققا ئىلتىماس قىلغىلى تۆت يىل بولدى. ئەمما مېنىڭ ئىلتىماسىممۇ تېخى تەستىقلانمىدى. 2019-يىلى ئىككى قىزىمنىڭ پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشتى، ھازىر ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ سالاھىيىتى يوق. ئامېرىكادىكى بەزى ئۇيغۇرلار  پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىنى  ساقلاۋاتقىلى 7- 8 يىل بولدى. گەرچە بەزى ئۇيغۇرلار ئامېرىكادا بىخەتەر تۇرمۇش ۋە خىزمەت شارائىتىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر قانۇنلۇق تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، قىيىنچىلىق ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشىماقتا، ھەتتا كۆپلىگەن كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان بولۇپ يۈرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ياردەمگە ۋە بىخەتەر ماكانغا مۇھتاج. ئۇلارنىڭ ئېنىقسىز ۋە خەتەرلىك تەقدىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئەندىشىگە سالماقتا. مەسىلەن، ئەللىكتىن ئارتۇق پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلارنى ھېچقانداق دۆلەت قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. تۈركىيەدە نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئېرىشەلمەي ياكى باشقا دۆلەتكە كېتەلمەي ۋەھىمە ئىچىدە ياشىماقتا.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار قولىدىكى خىتاي پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشسا، زور خەتەر ئىچىدە قالىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قەستەن ئۇزارتىپ بەرمەيدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئۇيغۇرلارنى چوقۇم خىتايغا بېرىپ پاسپورت يېڭىلاشقا بۇيرۇيدۇ. ھالبۇكى خىتاي پۇقرالار ئەلچىخانا ياكى كونسۇلخانا ئارقىلىقلا پاسپورتلىرىنى يېڭىلىيالايدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇنى «پاسپورتنىڭ قورالغا ئايلاندۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىغان. سەئۇدىي ئەرەبىستانى، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پاسپورتنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئۇيغۇرلار ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرماقتا، چۈنكى ئۇلار باشقا دۆلەتلەرگە كېتەلمەيدۇ ھەمدە شۇ دۆلەتلەردىمۇ پاناھلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار ئىزچىل تۈردە قورقۇنچ ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشنىڭ ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشىماقتا.

تۈركىيەدە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ مۇساپىرلار لاگىرىدا بىخەتەر پاناھگاھلارنى ساقلاپ يېتىۋاتىدۇ. ئافغانىستاننىڭ كابۇلدا يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسى تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتى تۈپەيلىدىن قىيىن ئەھۋالدا تۇرىۋاتىدۇ. تولىمۇ خەتەرلىك بولىۋاتقىنى شۇكى، بەزى ھۆكۈمەتلەر شۇ دۆلەتلەردىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىلەن سودىلىشىدىغان دەسمايىگە ئايلاندۇرۋالماقتا.

بۇ پاجىئەلەرنىڭ تۈپ مەنبەسى دەل خىتاي ھاكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا بىر نەچچە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان ئەھۋالدا، خەلقارا جەمئىيەت چەتئەللەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرلىك ياردىمى بېرىپ، ئۇلارغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

ئاخىردا، مەن دۆلەت مەجلىسىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئەھۋالدا، ئۇيغۇر پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىل ھەل بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشقا چاقىرىمەن.  

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن چىقىرىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەرسان ئۇيغۇرلارنى بىخەتەر ماكانغا ئېرىشتۈرىشى ناھايىتى تەخىرسىزدۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئېلىنمايۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بۇ قانۇننىڭ تەستىقلىنىشى قىيىن شارائىتتا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد بېغىشلىشى مۇمكىن.

رەھمەت!

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 19

Next Post

تۈركىيەدىكى «مادو» شىركىتى تارمىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر يىغىنىنى بىكار قىلدى

پە ئۆكتەبىر 21 , 2021
تۈركىيەدىكى «مادو» شىركىتى تارمىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر يىغىنىنى بىكار قىلدى: بىزنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغىمىز زىيانغا ئۇچرايدۇ

You May Like