ئىككىنچى قېتىملىق ئاناتولىيە سەپىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

ئىككىنچى قېتىملىق ئاناتولىيە سەپىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

ئامىنە سەدەف خەۋىرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 17 – ئۆكتەبىر

 

ئىككىنچى قېتىملىق ئاناتولىيە سەپىرى ئۈچۈن 9_ ئاينىڭ 16_ كۈنى يولغا چىققان لاگېر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېقىنلىرى  بىر ئاي ئىچىدە تۈركىيىنىڭ 15 ۋىلايەت ، شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ‌ ، 10_ ئاينىڭ 15_ كۈنى ئىستانبۇلغا يىتىپ كەلدى . ئىستانبولنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن توپلانغان ئۇيغۇر جامائىتى ئۇلارنى سارى يەردىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا گۈلدەستىلەر بىلەن كۈتۈۋالدى . بۇ قېتىملىق سەپەردە پائالىيەتچىلەر ‌تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلىرىدىكى 15 ۋىلايەت ، شەھەرگە بېرىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان‌ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈرك خەلقىگە يېقىندىن ئاڭلاتتى . كۈتۈۋېلىشقا چىققان ئۇيغۇر جامائىتىگە بىر ئايلىق سەپەر ھەققىدە دوكلات بەرگەن ، لاگىر قۇربانلىرى يېقىنى ئۇيۇشمىسىدىن مىرزائەخمەت ئىلياسئوغلى مەيلى بىرىنچى قېتىملىق ئاناتولىيە سەپىرى بولسۇن ياكى ئىككىنچى قېتىملىق سەپەر بولسۇن ، بارغانلىكى يېرىدە يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار ، پارتىيە _ مىللەت ۋەكىللىرى ، ۋالىلار ، شەھەر باشلىقلىرى ۋە تۈرك خەلقى تەرىپىدىن ناھايىتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ، ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى , ۋە بارغان يەرلىرىدە ئېلىپ بارغان  رەسىم كۆرگەزمىسى ، ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىش ۋە لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەردە يەرلىك خەلقنىڭ ھەر زامان يانلىرىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتتى . مىرزا ئەخمەت ئىلياس ئوغلى سۆزىدە يەنە « بىز تۈركىيە ، 83 مىليونلۇق بىر تۈرك خەلقى ئىچىدە بۇ داۋانى توغرا ئۇسۇلدا ئېلىپ بارالمىساق ، تۈرك خەلقىنى قوزغىتالمىساق  باشقا يەردە قوزغىتالمايمىز ، بۇ بىزنىڭ دەۋا ئېلىپ بېرىشتىكى مەغلۇبىيتىمىز بولىدۇ » دېدى .  مىرزائەخمەت ئىلياس ئوغلى ئاخىرىدا ھازىرغىچە 25 ۋىلايەت _ شەھەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە پات يېقىندا ئۈچىنچى قېتىملىق سەپەرگە چىقىدىغانلىقىنى ، بۇ قېتىمقى ئاناتولىيە سەپىرىنىڭ مەخسىتى تۈركىيەدىكى پۈتۈن  ۋىلايەت _ شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۈركىيىدە يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .  

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 19

Next Post

شەرقى تۈركىستان –پانىي دۇنيادىكى دوزاخ 5

سە ئۆكتەبىر 19 , 2021
«شەرقى تۈركىستان -پانىي دۇنيادىكى دوزاخ » ناملىق بىئوگرافىيىلىك روماننىڭ داۋامى

You May Like