تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋىتى ئىلمى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋىتى ئىلمى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 07-دېكابىر

ئوز ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن نۇرغۇن  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن  ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمى سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، خىتاينىڭ تۈركىيە سىياسىتى قاتارلىق مۇھىم تېمىلاردا دوكلاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتچى ئىدىئالىزىمچىلار ئاكادېمىيەسى جەمئىيىتى، تۈرك مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل 10- نومۇرلۇق تارمىقى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپى، يۇلتۇز تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن « تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئىلمى سۆھبەت يىغىنى » 2021-يىلى 4- دېكابىر، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسور دوكتور فۇئات سەزگىن يىغىن ۋە كۈلتۇر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئىلمى سۆھبەتنى تەشكىللەش كومىتېتىدا: پروفېسسور دوكتور مۇستاپا دەلىجان، پروفېسسور دوكتور ئابدۇلقادىر ئەمەكسىز، پروفېسسور دوكتور ئورخان سەۋگى، دوكتور ئەلى ئەخمەتبەي ئوغلى، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ۋە دوكتور  ھۈسەيىن شەن  يەر ئالدى قاتارلىقلار، سۆھبەت يىغىننىڭ ئىلىمى كومىتېتىدا بولسا: پروفېسسور دوكتور ئىلياس توپساقال، پروفېسسور دوكتور مەخمەت ئاكىف ئوكۇر، پروفېسسور دوكتور ھاياتى دۇرماز، دوتسېنت دوكتور مۇزەپپەر ئۈرەكلى ۋە دوكتور شەۋكەت ناسىر قاتارلىقلار يەر ئالغان. بۇ ئىلمى سۆھبەت يىغىنىغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى مەخمەت ئاق ئىشتىراك قىلدى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى.

ئىلمى سۆھبەت ئۇيغۇر ئاكادېمىيسنىڭ باش كاتىپى شەۋكەت ناسىر تەييارلىغان « ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىسى ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى پروفېسسور دوكتور ئىلھام توختى » ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بىلەن باشلاندى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسنىڭ رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئىلمى سۆھبەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆھبەت ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كىيىن مۇنداق دېدى : « بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئىلمى سۆھبەتنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى ۋە شەرقى تۈركىستان جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيمىز. »

«ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى»نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان سۆزىدە ئىنستىتۇتنىڭ ياۋروپادىكى ئىلىپ بارغان خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى ۋە ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن تۈرك ئاكادېمىكلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقنى بايان قىلدى.

ئىلمى سۆھبەتنى تەشكىللەش كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان پروفېسسور دوكتور مۇستاپا دەلىجان سۆزىدە مۇنداق دېدى : «ئاكادېمىكلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتى بىلىم ئىشلەپچىقىرىش، ئورتاقلىشىش ۋە سىجىللىقنى قوغداشتۇر. پۈتۈن ساھەلەردە بۇنىڭغا ئېھتىياجىمىز بار. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. 350 مىليون تۈرك خەلقى، دۇنيا تەرتىپىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇشىمىز كېرەك.» ئۇ يەنە  ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىللەتچى – ئىدىئالىزىمچى ئاكادېمىكلىرى بىرلەشمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردا تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ بۇ جەھەتتىن مۇھىملىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈرك دۇنياسى ۋەخپىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان دوكتور ئىبراھىم ئاكىش سۆزىنى مەرھۇم تۇران يازگان ئۇستازنى خاتىرىلەشتىن باشلاپ، مەرھۇمنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئاۋۋال قەشقەرگە بېرىپ، كىيىن ھەجگە بېرىش ئىكەنلىكنى، 2019 يىلدا ۋەخپىنىڭ تۇران يوزگان مۇكاپاتنى پروفېسسور دوكتور ئىلھام توختىغا بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىلمى سۆھبەت يىغىنىغا ئۇتۇق تىلىدى.

نۇتۇق سۆزلىگەنلەرنىڭ ئاخىرىدىن يەر ئالغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى مەخمەت ئاق سۆز قىلىپ : ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىلمى تەتقىقاتلارنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىشقا، تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ئىلمى سۆھبەتنىڭ شەرقى تۈركىستاندا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىلمى سۆھبەت يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچى مېھمانلار بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىپ نۇتۇق سۆزلىدى. مېھمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن « بىز سىز بىلەن بىللە » دېگەن ئۇچۇرىغا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. مەزكۇر ئىلمى سۆھبەت يىغىنى 3 باسقۇچ يىغىن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

بىرىنچى باسقۇچ يىغىنغا،پروفېسسور دوكتور مەخمەت ئاكىف ئوكۇر رىياسەتچىلىك قىلدى. پروفېسسور دوكتور ھاسان كۆنىنىڭ  « تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتى »ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن كىيىن، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت « تۈركىيەنىڭ شەرقى تۈركىستان سىياسىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن دوكلات بەردى.

چۈشتە مېھمانلارغا ئۇيغۇر پولۇسى ئېكرام ئېتىلدى.

ئىككىنچى باسقۇچ يىغىن، دوتسېنت دوكتور مۇزەپپەر ئۈرەكلىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋام قىلدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم « خىتاينىڭ تۈركىيە سىياسىتى » ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن دوكلات بەردى. كىيىن دوكتور ئارسلان يامان « تۈركىيە – خىتاي سودا مۇناسىۋىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن  دوكلات بەردى. پروفېسسور ھاۋا كۆكسالان بىلەن ۋۈسال ھاسانزادە بىرلىكتە « بىر يول، بىر بەلۋاغ پىلانىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىغا بۇلغان تەسىرلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن دوكلات بەردى.

ئۈچىنچى باسقۇچ يىغىن، پروفېسسور دوكتور مۇستاپا دەلىجان رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى « كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ۋە تۈركىيەدىكى قۇرۇلمىسى » ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن دوكلات بەردى. دوكتور ھىگاشىتوتسۇ قۇتلۇق « تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ياپونىيە» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن دوكلات بەردى.

ئىلمى سۆھبەت يىغىنىڭ ئاخىرىدا دوكتور ئەلى ئەخمەتبەي ئوغلى يېپىلىش نۇتقى سۆزلەپ، ئىلمى سۆھبەت يىغىنىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلىدى:

 «تۈركىستان جۇغراپىيەسى ساھىب بولغان يەر ئاستى بايلىقى سەۋەبىدىن يەر شارىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ، بولۇپمۇ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ، تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋىتى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر جەھەتتە مۇزاكىرە قىلىندى. بۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە ، بىزنىڭ قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىپادىلەشكە تىرىشىلدى. بولۇپمۇ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن ئىلھام توختى يەنە بىر قېتىم ئاممىغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. بىز ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئائىت بىر تېكىست يېزىلىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ. بىز ئىلمى سۆھبەت يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئورگان ۋە شەخسلەرگە ، قىممەتلىك قاتناشقۇچىلارغا ۋە ھەممەيلەنگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز ». 

تەرجىمە قىلغۇچى: ئىدىقۇت
مەنبە: 
https://www.millidevletgazetesi.net/Haber/turkiye-cin-iliskileri-sempozyumu-gerceklestirildi-4562

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئاق ساراينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى دۇنيانىڭ تۇنجى ئىنكاسى قانداق بولدى؟

سە دېكابىر 7 , 2021
ئاق ساراينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى دۇنيانىڭ تۇنجى ئىنكاسى قانداق بولدى؟

You May Like