ئەردوغان پەلەستننى قوغدايمىز دىدى،ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىنى تىلغا ئىلىپمۇ قويمىدى!

18-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 73-نۆۋەتلىك ئومۇمى چوڭ يېغىنى ب د ت نىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى باش شتابىدا ئىلىپ بىرىلماقتا بولۇپ،بۇ يېغىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسلە ۋە خەلقئارالىق مۇھىم مەسللەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت

ئەردوغان پەلەستننى قوغدايمىز دىدى،ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىنى تىلغا ئىلىپمۇ قويمىدى! 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 73-نۆۋەتلىك ئومۇمى چوڭ يېغىنى ب د ت نىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى باش شتابىدا ئىلىپ بىرىلماقتا بولۇپ،بۇ يېغىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسلە ۋە خەلقئارالىق مۇھىم مەسللەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت.مەزكۇر يېغىنغا دىپلوماتىيە منستىرى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار قاتنىشدۇ. بۇگۇنكى چوڭ يېغىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيتى پىرىزدىنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆز قىلغان ،ئۇ سۆزىدە ئاساسلىقى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۇنياسغا قارشى سۆزلىگەن بولۇپ،بۇ ختتاينىڭ كۇتكەن يىرىدىن چىقماقتا. ئەردوغان مۇنداق دىگەن:ئەگەر پۈتۈن دۇنيا بىزگە ئارقسنى قىلسمۇ ,،بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زۇلۇمغا ئۇچرىغان پەلەستىن خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز بىزنىڭ تۇنجى قىبلىمىز ئەل قۇددۇسنىڭ قانۇنى ۋە تارىخى ئورنىنى قوغدايمىز «دىگەن. ئەردوغاننىڭ نۆۋەتتىكى سياسىتى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ،بەزىلەر ئۇنى ياخشى ھۆكۇمرانلىق قىلىۋاتىدۇ دىسە ،يەنە بەزىلەر ئۇنى ئەيىپلىمەكتە. ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى :ئەردوغان تۇركىيەنى تەرەققى قىلدۇردى ،كۇچلەندۇردى،مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردى ،تۈركىيەنى باي-باياشات قىلدى،پەلەستىن داۋاسنى كۆتۇرۇپ چىقتى،سۇرىيەلىكلەرگە ماكان بەردى ،دۇنيادا تۈركىيە دىسە قورقىدىغان ھەيۋەت شەكىللەندۇردى دىسە ،قارشى تۇرغۇچىلار:ئۇ ئسلامنىڭ نامىنى سۇيئستىمال قىلىۋاتىدۇ،مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ھسياتىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ ، تۈركىيەنى قايسى پارتىيە باشقۇرسا تۈرك خەلقنىڭ كۇچلىنىشى مۇقەررەر ئىدى.چۇنكى دۇنيا بويلاپ شۇنداق تارىخى دەۋر كەلدى ،ئەمما ھازىر تۈركىيە ئېقتسادى ئىغىر چىكىندى،مال باھاسى كۇنسايىن ئۆسمەكتە،ئ‍شسزلىق يۇقىرىلىماقتا،تۈركىيە جۇمھۇرىيتى مەمۇرىيەت ساھەسدىكى چىرىكلىك ئاشتى ،جەمىيەت ئۆز-ئارا بۆلۇنۇشكە،زىيادە رادىكاللىششقا قاراپ يۇزلىنىش ئىغىر بولدى،تاشقى سياسەتتە ،ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن قارشىلىشپ ،ختتاي ۋە روسيە تەرەپكە ئىغىپ بارماقتا ،ئۇيغۇرلاردەك ھەم تۇرك ھەم مۇسۇلمان  قىرىنداشلىرىغا غەمخورلۇق قىلمىدى دەپ قارىماقتا. ئەمما ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا كۆپىنچە ئۇيغۇر كۆزەتكۇچىلەر ئۇنىڭ خەلقئارالىق بىر پۇرسەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سۆزلىشنى ئۇمىد قىلغان بولۇپ،بەزىلەر مۇنداق دىگەن:ئەردوغان ئسلام دۇنياسنىڭ رەھبىرى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۆلتۇرلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئسلام ئالىملىرى،چېقىلىۋاتقان مىڭلارچە مەسجىد،كۆيدۇرۇلۇۋاتقان قۇرئان كەرىم ،ختتاي دىنسزلىرىغا مەجبۇرى تېگىشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىزلىرى ،كاپىر بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۇرلىرى ،چوشقا گۆشى يىيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سۆزلىشى كىرەك،ئەگەر سۆزلىمسە ئۇنىڭ  ئسلام دۇنياسى ۋە تۇرك قىرىنداشلىقى ۋە رەھبەرلىكىدىن ئەمەس،ھەقىقى ساغلام ئنسانى رەھبەر بولۇش سالاھىيتىدىنمۇ گۇمانلىنىش كىرەك،چۇنكى ئۇيغۇرلار مۇسۇلماندۇر،تۈركلەردۇر،مۇھىمى ئنسانلاردۇر :دىگەن. بەزىلەر مۇنداق دىگەن :ئەردوغان مۇسۇلمان ياكى تۈرك سۇپىتى بىلەن ئەمەس،دۆلەت رەھبىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ،سياسەتتە سۆزلەنگەن نۇتۇقلار ئۇنىڭ تاكتىكىسى ،ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قوللشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن پەلەستن مەسلىسنى كۆتۇرۇپ چىقىدۇ،بۇ ئارقىلىق قاتار ،پاكستان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبى ئاسيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە ئاممسنىڭ قوللىشى ،ھىسداشلىقىنى قولغان كەلتۇرىدۇ.ئامېرىكا ۋە ئسرائىلىيەگە قارشى كوزىر ھازىرلايدۇ،تۈركىيە ئېقتسادى چىكىنىۋاتقان بىر پەيتتە ،ئەردوغاننىڭ ختتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ قەتلى قىلىنىشقا سۇكۇت قىلىشى  دۆلەت مەنپەئىتى ئۇچۇن بولۇپ،ئۇنىڭدىن ئسلام ياكى مۇسۇلمانلار ئۇچۇن سۆزلەشنى كۇتۇش ئەخمىقانىلىق ،چۇنكى سياسەتتە دىنداشلىق ياكى تۇركداشلىق دىگەن ۋاقىتلىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان سياسى تاكتىكا،مۇھىمى دۆلەتچىلىك دەپ قارىماقتا. يەنە بەزى ئۇيغۇرلار :تۇركىيە ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ،ختتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۇكىنى ئېتىراپ قىلىمىز دەيدۇ،ھەتتا تۇركىيە سابىق با شمنستىرى بىنالى يىلدىرىم ئۆز ئەركىنلىكى ئۇچۇن كۆرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تىرورچى دەپ ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلىغان ،تۇركىيە مۇستەقىللىقىمىزنى ئېتىراپ قىلمىغان تەقدىردىمۇ كىشلىك ھوقۇق ئۇچۇنمۇ سۆزلىمەيدۇ،قىرغىن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇچۇنمۇ گەپ قىلمايدۇ،چۇنكى تۈركىيە بەك ئاجىز،ھازىرقى ھۆكۈمەت ئۇممەتچى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۇممەتنىڭ بىر قسمى دىيشى كىرەك ئىدى،ئۇنداق دىمىدى ،دىمەك بۇ يەردىكى مەسلە دىن ياكى قىرىنداشلىق ئەمەس،دۆلەت مەنپەئەت مەسلىسىدۇر.دۆلەت مەنپەئىتى ئۇچۇن ھەممىدىن ۋاز كىچىش ئادەتتىكى ئۇقۇمدۇر،ئۇيغۇرلار بۇنى ئۆگىنىشى كىرەك ،تۈركىيە شۇڭا ختتاي بىلەن ھەمكارلىشپ ئامېرىكا،ئ‍سرائىلىيەگە تاقابىل تۇرىدۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ئېتىپاقدىشى ئامېرىكا،تۈركىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئتتېپاقدىشى ختتاي،بۇ بىچارە ئۇيغۇرلار ئۇچۇن پايدىسز .تۇركىيەدىكى ئون مىڭلىغان تۇرۇش رۇخستى يوق،ئ‍شسز ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشش مۇھىم ،شۇڭا تۈركىيەدىن ئۇمىد كۇتمەي،ئاللاھتىن ئۇمىد كۇتەيلى-دەپ بىلدۇرگەن.

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

ئىدىئانا ئۇنېۋېرستىتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرىكى «ئۆتكۇزۇلىدۇ!

چا سېنتەبىر 26 , 2018
ئىدىئانا ئۇنېۋېرستىتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرىكى «ئۆتكۇزۇلىدۇ! ئىندئانا ئۇنېۋرستىتى تىلشۇناسلىق كەسپى ئوقۇغۇچىسى مۇستاپا ئاقسۇنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇ فايس بۇك بېتىدە ئورتاقلىشچە،2018-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىندىئانا ئۇنېۋرستىتىدا <ئۇيغۇر مەدەنىيەت -سەنئەت كېچىلىكى>ئۆتكۇزۇلىدىكەن.ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە قىزىزىقىدىغانلار ئۇچۇن ئۇيغۇر مەدەنىيتى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش پۇرستى بولۇپ،قاتناشقۇچىلارنى قارشى ئالىدىكەن.

You May Like