ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدىكى «كۇرسانت» لارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش قائىدىلىرى

ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدىكى «كۇرسانت» لارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش قائىدىلىرى

ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدىكى «كۇرسانت» لارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش قائىدىلىرى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 25-ماي

«شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» تور بېتىدىكى شۇ ناملىق ئارخىپنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدىكىلەرنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش قائىدىلىرى ( سىناق نۇسخىسى)

«تەربىيەلەش مەركىزىدىكى كۇرسانتلار»نىڭ تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشىنى ئۈنۈملۈك ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە خىزمەتلەرنى سىستېمىلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى قائىدىلەر تۈزۈپ چىقىلدى:

1. ھەر 50 نەپەر «كۇرسانت» ئۈچۈن بىر دانە سىملىق تېلېفون ئورۇنلاشتۇرۇلۇش كېرەك. تېلېفون مۇمكىن قەدەر ئۆي ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ياكى «كۇرسانت»لار ياتىقىنىڭ كارىدورىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. تېلېفونلارنىڭ بىخەتەر خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، ھەر بىر قەۋەتتىكى تېلېفونلارنىڭ سانى 6 دانىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛

2. «كۇرسانت» لار ھەر 10 كۈندە سىرتتىكى تۇغقانلىرى بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشۈشى لازىم. كۆرۈشۈش «تەربىيەلەش مەركىزى» تەرىپىدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. ھەر بىر تېلېفوندا كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 كىشى ئىشلىتىشى لازىم، ھەر بىر كىشىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛

3. ھەر بىر تېلېفوننىڭ يېنىغا ساقلاش رايونى قۇرۇپ چىقىش لازىم بولۇپ، بۇ رايوندىكى  ساقلاۋاتقان «كۇرسانت»لارنىڭ سانى تۆتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ساقلاش رايونىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم مېتالدىن ياسالغان مۇستەھكەم ئىشىكلەر بېكىتىلگەن بولۇشى شەرت، شۇنداقلا ئىككى نەپەر ئامانلىق خادىمى كۆزەتتە تۇرۇشى كېرەك. «كۇرسانت»لار تېلېفون سۆزلەشكەندە بىر نەپەر ئامانلىق خادىمى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى خاتىرىلىشى، يەنە بىر ئامانلىق خادىمى بىخەتەرلىككە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. سۆزلىشىپ بولغانلار ئامانلىق خادىمىنىڭ كۆزەتچىلىكىدە ياتىقىغا قايتۇرۇلۇشى كېرەك؛

4. «كۇرسانت»لارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن سۆزلىشىش مەزمۇنىنى بىر كۈن ئاۋۋال تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ۋە يېزا كەنت كادىرلىرى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا قايسى مەزمۇندا سۆزلەشسە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك. شۇنداقلا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپىلىشى كېرەك؛

5. ئەگەر «كۇرسانت»لارنىڭ سۆزلىشىش جەريانىدا بىنورماللىق ياكى ھاياجانلىنىشقا ئوخشاش  مەسىلىلىرى كۆرۈلگەن ھامان ئامانلىققا مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ سۆھبەت مەزمۇنىنى ئاڭلاپ ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ مۇناسىۋەتلىك تەدبىرنى ۋاقتىدا ئېلىشى كېرەك؛

6. ئەگەر «كۇرسانت»لارنىڭ سىرتتىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا، تەربىيەلەش مەركىزى ئۇلار تۇرۇشلۇق يېزا كەنتتىكى كادىرلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن قائىدە-پرىنسىپلارغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى، ۋە بۇ ئەھۋاللارنى «كۇرسانت»قا ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛

7. «ئالاھىدە باشقۇرۇلىدىغان» ياكى «قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان» رايونلاردىكى دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان «كۇرسانت» لارنىڭ تېلېفون سۆزلىشىشىدىن بۇرۇن مەسئۇل كادىرلار چوقۇم ئۇلارنىڭ تېلېفون سۆزلىشىش خەتىرىنى ئالدىن ،مۆلچەرلىشى كېرەك. «جىنايەت»ى بىر قەدەر ئېغىر، كەيپىياتى تۇراقسىز ياكى بىر قەدەر ئېغىر خەتەر ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان «كۇرسانت»لارنى تېلېفون ئالاقىلىشىش ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغاندا چوقۇم قوللىرىنى كىشەنلەنگەن ھالدا ئىككى نەپەر ئامانلىق خادىمى ۋە بىر نەپەر ساقچى تولۇق قوراللىنىپ ئېلىپ مېڭىشى كېرەك. بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆۋەنرەك «كۇرسانت»لارنى ئېلىپ ماڭغاندا قوراللانمىسىمۇ بولىدۇ؛

8. مەركەزدىكى ئوقۇتۇشقا مەسئۇل خادىملارنىڭ «كۇرسانت»لار ئۈچۈن تەييارلانغان تېلېفونىنى ئىشلىتىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛

مەزكۇر«قائىدە تۈزۈم» سىناق نۇسخا بولۇپ، ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ھەرقايسى «تەربىيەلەش مەركەز»لىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزگەرتىپ ياكى تولۇقلاش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ،ئەممە ئالدىنئالا يۇقىرى دەرىجىلىك مەركەزلەرنىڭ ئىشخانىسىغا مەلۇمات بېرىشى كېرەك.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

سە ماي 31 , 2022
ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

You May Like