گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلارغا كىچىك بىر تەۋسىيە

گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان قېرىنداشلار گۇۋاھلىق بەرگەندە، ئۆزىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، ۋەتەندىن ئايرىلغان ۋاقتى، تۇرۇۋاتقان دۆلىتى ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى، گۇۋاھلىقنىڭ مەزمۇنى، گۇۋاھلىق مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدىغان كىشلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ۋاقتى، بۇ گۇۋاھلىققا تۈرتكە بولغان ئىچكى – تاشقى ئامىل، بۇ گۇۋاھلىقتا مەسئۇل تۇتۇشقا تېگىشلىك شەخىس/ئورگان/ ھۆكۈمەت/ پارتىيە/( جاۋابكار) دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن كۈتۈدىغانلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويسا گۇۋاھلىقنىڭ ئىسپاتلىق قىممىتى تېخىمۇ ئېشىشى، مۇخبىرلارنى جەلپ قىلىشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.

ئابدۇمىجىت مۇھەممەد

مەسىلەن: مەن  ئەمەت مەمەت، 22 ياش. 2016-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىپ، بىلگىيەگە كۆچمەن بولغان، ھازىر بىلگىيەدە ياشايمەن. ئۇچۇر-تېخنىكا ساھەسىدە خىزمەت قىلىمەن.  بۈگۈن 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى. مەن 2017- يىلى 1- ئايدىن تارتىپ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان ئاتا-ئانام/ بىر تۇغقانلىرىم/ دوستلىرىم/ ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىم/ كەسىپداشلىرىم ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكچى. ئۇلار:
دادام مەمەت ئەخەت،  60 ياش، پىنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، سالامەتلىكى ياخشى.
ئانام ئايىمنىسا توختى، 56 ياش، ئائىلە ئايالى. تەن سالامەتلىكى ياخشى.

بۇلارنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلمەيمەن. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا (مەنبەنى ئاشكارىلاشقا بولسا تېخى ياخشى.) ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ يەرلىك دائىرىلىرى (جاۋابكار تەرەپ چوقۇم ئېنىق تىلغا ئېلىنىشى كېرەك.)  ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزى نامىدىكى يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا ئېلىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى كەسىپ ئۈگىنىشكە ئېھتىياجى يوق/مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى؛ ئۇلار ئۆزلۈكىدىن ئوقۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئاڭقىرالىغۇدەك سەۋىيەدىكى ئىنسانلار. مەن خىتاي دائىرىلىرىدىن ئاتا-ئانام/ يېقىن-يورۇقلىرىمنى/ دوستلىرىمنى… ۋە سەۋەپسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مىليۇنلىغان بىگۇناھ خەلقىمنى دەرھال قويۇۋىتىشىنى تەلەپ قىلىمەن. ب د ت كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئورنى، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسانلىق تراگېدىيەسىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشىقا، ئەمەلىي قەدەم تاشلاشقا چاقىرىق قىلىمەن. ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ناتىسىتلارنىڭ بۈگۈنكى مودېلى بولغان خىتايلارنى كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلى ئەيىبلىشىنى، سىياسىي/ئىقتىسادىي/ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى گەۋدىلەندۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا سودا منېسترلىكى: يەكشەنبىدىن باشلاپ، ئامېرىكىدا تىك توك ۋە ئۈندىدار چەكلىنىدۇ.

جۈ سېنتەبىر 18 , 2020
ئامېرىكا سودا منستىرلىكى بۈگۈن بايانات بېرىپ، يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ تىك توك ۋە ئۈندىدار ئەپلىرىنى ئامېرىكىدا چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

You May Like