دىلنۇر رەيھان: فىرانسىيەدىكى ۋەتەنداشلىق ۋە ۋەتەنگە قايتىش ھەققىدە

ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ئاپتورنىڭ رۇخستى بىلەن ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە قانىلى سوسيال مېدىياسدا ئىلان قىلىندى، مەزمۇنى -ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

بۇ يىل خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر دىئاسپورا ھەرىكىتىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن چىقارغان يېڭى تاكتىكىسى بولغان «ۋىزا بېرىش ۋە ۋەتەنگە بېرىشنى ئېچىش» كە خۇددى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، فىرانسىيەدىمۇ ئاۋاز قوشقان خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنى ئاڭلاشقا باشلىدۇق.

بۇ ئالتە يىلدىن بېرى، مىللىتىمىز ۋەيران بولدى. يۈز مىڭلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولدى. ئەمما ئاز بولساقمۇ، ئاجىز بولساقمۇ، پولاتتەك جاسارىتى بولغان دىئاسپورادىكى بىر قانچە لاگىر شاھىدلىرى، پىشقەدەم داۋاچىلار ۋە ۋەزىيەت ئېھتىياجى تۈپەيلى چەتتە قاراپ تۇرۇشقا چىدىمىغان نۇرغۇن ياشلارنىڭ تالاي قۇربانلىقلىرى بەدىلىگە، خىتاي ئويلىغىنىدەك پۈتۈن ئۇيغۇرنى بىر سۈپۈرۈپلا يوقۇتالمىدى. ھەرىكەتلىرىمىز ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، خىتاي تالاي قېتىم سىتىراتېگىيە ئالماشتۇرۇشقا، نۇتۇق ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما بۇ دىئاسپورادا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس، پەقەت ئاز ساندىكى قۇربانلىق بېرىۋاتقان جاسارەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىلىگە كەلدى. كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار يەنىلا سۈكۈتنى تاللىدى. بۇ سۈكۈتچىلەر پۇرسەت كۈتۈپ يېتىۋاتقانلار، يەنى قايسى تەرەپ ئۇتسا، ئاخىرىدا شۇ تەرەپتىن چىقىشنى كۈتۈۋاتقانلار.

ئەمدىلىكتە، خىتاي غەرپ دۆلەتلىرىدە گۇمان قوزغاۋاتقان ۋە ئىشەنچتىن قالغان، ئامرېكا بىلەن ئىقتىسادى جەڭ، ياۋروپا بىلەن تۇراقسىز بىر مۇناسىۋەتكە قالغان، ئۆز ئىچكى ئىقتىسادى چۆكۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر كۈرىشىنىڭ نەتىجىسىنى نۆل قىلىش، قىلغان جىنايەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق يېپىش ئۈچۈن، يېڭى بىر تاكتىكا چىقاردى : مۇتلەق كۆپچىلىك ئىشقا يارىغۇدەك، كەلگۈسى يارىتالىغۇدەك ئۇيغۇرلارنى سولاپ، قىيناپ، ئۆلتۈرۈپ، قۇلدەك ئىشلىتىپ، قالغانلارنىڭ يۈرىكىنى يۇلۇپ، يالغۇز يەردىمۇ سۆز قىلىشتىن قورقىدىغان ھالەتكە ئەكەپ بولغاندىن كېيىن، دىئاسپورادىكى ئەزەلدىن قورقۇنچاق، خوشامەتگۇي ۋە خىتايدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ باقمىغان ئۇيغۇرلارغا ئىشىكىنى ئاچتى. ئەلۋەتتە، بۇنى باشلاشتا، ئاۋال ئۆزىگە سادىق ئۇيغۇرلارنى تاللاپ، ئۇلارنى ئەۋرىشكە سۈپىتىدە، تورلاردا كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا ئوخشاشلار ئۆزلىكىدىن چىقىدۇ. ھازىر ئايلاردى بېرى بولۇۋاتقان ئەھۋال مانا شۇ.

بۇلار ھەققىدە كۆپلىگەن ئەيىپلەشلەر بوپتۇ. يەنە كېلىپ بۇلار خىتاينىڭ ئۇلارنى تۇتىشىدىن قورقۇپ، ۋەتەنداشلىق ئېلىپ بولۇپ، ئاندىن بۇ سەنەمگە دەسسەۋاتقانلار.مەن بۇ خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ سەنىمىگە دەسسەپ، مىللىتىمىزگە قانچىلىك چوڭ خائىنلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە تەكىتلىمەيمەن. پەقەت فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە، بۇنداق خىتايپەرەسلەر ۋە ئۇلارنى قوغداۋاتقانلارغا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى دەپ قويۇشنى توغرا تاپتىم :

1. ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەن بارلىق ئۇيغۇرلار پوتاڭسىيەل خىتاي ئىشپىيونلىرى ھېساپلىنىدۇ.

يەنى ھازىرقى ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بارلىق غەرپ دۆلەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ. ۋەتەنداشلىق ئېلىپ بولۇپ، خىتايدىن ۋىزا سورىغاندا، خىتاي كونسۇلخانىسى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئايرىم سوراق قىلىدۇ ۋە ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. ئەگەر ۋەزىپىنى ئېلىشتىن باش تارتسا، ۋىزا بېرىلمەيدۇ. ۋىزا پەقەت خىتايغا ئىشپىيونلۇق قىلىشقا ماقۇل بولغان ئۇيغۇرلارغا بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە بىزدە ئىسپاتلار بار، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىمۇ بار. يەنە كېلىپ، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىمۇ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىدىن ۋىزا سورىغان، بۇرۇن خىتاي ۋەتەندىشى بولغان بارلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا غەيرى خىتاي مىللەتلىرىنى تىزىملاش، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىش…قاتارلىق كۆرسەتمىلىرى بارلىقى ئاشكارىلىنىپ بولغان ئىدى. شۇڭا، فىرانسىيەدىن فىرانسۇز ۋەتەنداشلىق ئېلىپ بولۇپ، خىتايغا بارغان بارلىق ئۇيغۇرلار فىرانسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىنىدۇ ۋە ئۇلار پوتاڭسىيەل خىتاي ئىشپىيونلىرى قاتارىدا ئۈستىدىن ئانكىت ئېلىپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

2. بۇ ئۈچ يىلدىن بېرى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى ئاسانلىتىش، ۋەتەندىن ئېلىپ كېلىش تەلەپ قىلىنىدىغان بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىكار قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. ھەر بىر كاندىدات ئۈچۈن، ئىنىستىتۇتىمىز ئىسپات چىقىرىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ھازىرغىچە ئارىلىشىپ باقمىغان، ھېچبىر تۆھپە قوشۇپ باقمىغان، خىتايپەرەسلىكى ئېنىقلانغان ئۇيغۇرلارغا ئىنىستىتۇتتىن ھېچقانداق ئىسپات بېرىلمەيدۇ.

3. فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ۋەتەنگە بارغانلارنى ئارىغا ئالماسلىق، توي-تۆركۈنگە تەكلىپ قىلماسلىق كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. (فىرانسىيەدە ھەتتا تويغا خىتايلارنى تەكلىپ قىلغانلارنىمۇ كۆردۇق. گۈلباھار جالىلوۋا ھەدەم ئىككىمىز خىتاي بار تويدا ئولتۇرمايمىز دەپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بىزنىڭ بىرقانچە دوستلىرىمىز توي ئىگىسىدىن خىتايلارنى چىقىرىۋېتىشنى، بولمىسا شۇلار بىلەن توي قىلىشنى تەلەپ قىلىپ يۈرۈپ، خىتايلارنى ئاخىرى تويدىن چىقىرىۋەتتۇق. ئۇنىڭ ئالدىدىكى تويدا بولسا، ۋەتەندە ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ زەھەرلىك كەمپۈتىنى سېتىپ قاغىشىغا قالغان خىتايپەرەس بىر ئۇيغۇرمۇ قاتناشقان تويدىن ئۇنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاخىرى بىز كەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنى چىقىرىۋەتتى).

مىللىتىمىز مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىنىۋاتقان، تارىخىمىزدىكى ئەڭ ۋەھشى بىر ئىرانى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، باسقۇنچىلار، مۇستەملىكىچىلەر بىلەن بىللە مىللىتىمىزنى تېخىمۇ ۋەيران قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلارنىڭ خائىنلىقى دىئاسپورادا جاۋاپسىز قالمايدۇ. ھەربىر دۆلەتتىكىلەردىنمۇ، بۇ ئويۇننى خىتاي بىلەن تەڭ ئويناۋاتقانلارنى تىزىملاپ، تارىخ سەھىپىسىدە يېزىلىشى ئۈچۈن قالدۇرۇشنى سورايمەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئ‍سپانىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاياللار تۈرىدە چېىميون بولدى؛

سە ئاۋغۇست 22 , 2023
دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار تۈرىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسگە ئەنگىلىيە ۋە ئ‍سپانىيە كوماندىسى كىردى؛ ئ‍سپانىيە كوماندىسى ھۇجۇمچىسى ، 23 ياشلىق (olga carmona) مۇسابىقە باشلىنىپ، 29 مىنۇت بولغاندا كىرگۈزگەن بىر توپ بىلەن، ئ‍سپانىيە كوماندىسى ئەڭ چوڭ شەرەپ-چېمپىيونلۇققا ئېرشتى.
ئ‍سپانىيە كوماندىسى چېمپىيون

You May Like