ھەرىكەت چاقىرىقى :پەرۋاسىز ئۆتۈپ كەتمەڭ!

گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى بىرلىكتە گوللاندىيە سىياسىي پارتىيە ياشلار بۆلۈمى بىلەن باشلىغان بۇ مۇراجەتنامە نەچچە يىللاردىن بىرى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ۋەتەنداشلارنىڭ جىددىي ئىمزاسىغا مۇھتاج!


ئەردەم

2020-9-15

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى بىرلىكتە گوللاندىيە سىياسىي پارتىيە ياشلار بۆلۈمى بىلەن باشلىغان بۇ مۇراجەتنامە نەچچە يىللاردىن بىرى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ۋەتەنداشلارنىڭ جىددىي ئىمزاسىغا مۇھتاج!

 

ھەممىڭلارنىڭ 10 سىكۇنت ۋاقتىنى چىقىرىپ، بۇ مۇراجەتنامىگە ئىمزا قويۇپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! مۇراجەتنامە ئىلان قىلىنغىلى ھەپتە بولغان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر ئاران مىڭغا يەتمىگەن ئادەم ئىمزا قويغان. پارتىيەلەر ۋەكىللىرى يەنە بىر نەچچە مىڭ ئىمزاغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، شۇندىلا پارلامىنتتا ئاۋازغا قويۇشقا مۇۋەپپەق بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىيىتتى. بىزنىڭ بىشىمىزغا كەلگىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، گوللاندىيە ۋەكىللىرى تەرەپ دەسلەپتە ئىلتىماس شۇنداق يىزىلغانلىقىنى، بىراق پارلامىنتقا ئۆتسە چوقۇم قىرغىنلىچىقنىلا تىلغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەتەنداشلارنىڭ مۇراجەتنامە مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە تەرجىمە قىلىندى.

 

پەرۋاسىز ئۆتۈپ كەتمەڭ!

 

بىز ئەسلىدە بۇنداق ھىكايىلەرنى تارىخىي كىتابلاردىنلا بىلەتتۇق. 20- ئەسىردە يۈز بەرگەن دەھشەتلىك زۇلۇم توغرىسىدا بىز بوۋىلىرىمىزدىن ئىيتىپ بەرگەن ھىكايىلەردىن ئاڭلىغان. ئۇنىڭدا: دۆلەت سىستىمىلىق يۈرگۈزگەن قاتتىق ئىكىسپىلاتسىيەلەر، كىشىلەر «خاتا تۈركۈم»گە تەۋە بولغىنى ئۈچۈن، پەرقلىق كۈلتۈرگە تەۋە بولغىنى ئۈچۈن، «خاتا دىنغا» ئىتىقاد قىلغىنى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. ئۇنداقتا زالىملارچۇ؟ ئۇلار «بۇيرۇققا بىنائەن» ئىش قىلغانلىقىنى دەستەك قىلىپ، گۇناھىنى يوشۇراتتى. بۈگۈن، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا كىلىۋاتقان زۇلۇمغا پەرۋا قىلىش – قىلماسلىقى سىلەرگە باغلىق.

 

ئەپسۇسلىنارلىقى، تۈنۈگۈنكى قاباھەتلىك ھىكايىلەر بۈگۈن قايتىدىن يۈز بەرمەكتە! ئاشكارىلانغان ۋىدىيودا چاچلىرى چۈشۈرۈلگەن، پۇر-قوللىرى كىشەنلەنگەن، كۆزلىرى باغلانغان ئۇيغۇرلار قاسساپقا توشۇلىۋاتقان قوي پادىسى كەبى تىزىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملار دۇنيانىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغا قەدەر يېتىپ بارماقتا. شۇنداقتىمۇ، غەرب دۇنياسى يەنىلا پەرۋاسىز يۈرمەكتە، ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىدىن ئەنسىرىمەكتە. بىراق تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرى ئەمگەك، مىڭە يۇيۇش ۋە باشقا قىرغىنچىلىقنىڭ قورقۇنۇشلۇق ئىپادىلىرى ئاشكارىلانماقتا!

 

بىزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكىمىز ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىمىزنى بېسىپ چۈشۈشى ئۈچۈن يەنە قانچىلىغان ئېچىنىشلق ھىكايىلەرنى ئاڭلىساق ئاندىن يىتەر؟ ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىياسىيونلار، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە باشقىلارنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ پاسسىپ ئەھۋالنى ياخشىلاشقا چاقىرىمىز!

 

گوللاندىيە شىركەتلىرى قۇل ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەردىن پايدا ئىلىۋاتامدۇ-يوق تەكشۈرۈشى، ئەگەر شۇنداق بولسا دەرھال توختىتىشى كىرەك!

 

مىنىستىرلار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىشى كىرەك، مەسىلەن بۇ يىل كۈزدە ئېچىلىدىغان يىغىندا.

 

ھۆكۈمەت بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى خەلقئارا ئادالەت سوتىغا ئەرىز قىلىشقا يىتەرلىك سەۋەب بارمۇ-يوق ئىزدىنىپ كۆرۈشى كىرەك.

 

ياۋروپا پارلامىنتى خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختاتقانغا قەدەر خىتايغا مەبلەغ سىلىشنى توختۇتۇشقا كىلىشىم ھاسىل قىلىشى كىرەك.

 

كىڭەش پالاتا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئارىلاشقانلارغا ماگنىسكى قانۇنى بويىچە جازا يۈرگۈزۈشى كىرەك.

 

كىڭەش پالاتا، ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئوڭ تاناسىپ بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، شۇ ئارقىلىق گوللاندىيە پۇقرالىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شىرىك بولۇشتىن ساقلىنىشى كىرەك.

 

پەرۋاسىزلىقنىڭ زامانى ئۆتتى!

 

مۇراجەتنامىگە ئاۋاز قوشقان ئورۇنلار:

 

De politieke jongerenorganisaties PerspectieF, CDJA, JS, JD, DWARS, SGPJ, JOVD, PINK!

 

https://www.petities.com/niet_wegkijken

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

100 دىن ئارتۇق ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ھەرىكىتىنى بىرلىكتە ئەيىبلىدى

سە سېنتەبىر 15 , 2020
ئامېرىكا ئاۋازى تورىئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020- يىلى 9- سىنتەبىرتەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجانئۇيغۇرئاگېنتلىقى2020- يىلى 15- سىنتەبىر 130 دىن ئارتۇق ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى، شۇنداقلا بېيجىڭنى «ئېرقىي تازىلاش» ئېلىپ باردى، دەپ ئەيبلىدى. ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى سەيشەنبە (8- سېنتەبىر) كۈنى خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق […]

You May Like