مسىىردا ئوقۇۋاتقان بىلال ئابدۇكىرىم تۇتقۇن قىلىنغان

مسىىردا ئوقۇۋاتقان بىلال ئابدۇكىرىم تۇتقۇن قىلىنغان

 مسىىردا ئوقۇۋاتقان بىلال ئابدۇكىرىم تۇتقۇن قىلىنغان 

 

ئەردەم

38 ياشلىق ئەر بىلال ئابدۇكېرىم يول خېتى سەۋەبلىك مىسىردا ئائىلىسى بىلەن قاپسىلىپ تۇرۇپ قالغان بولۇپ،  ئۇششاق 4 بالىسى بىلەن مىسىردىن كېتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان

بىلال 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە غايىب بولغان. كەچقۇرۇنغىچە، بالىلار مەكتەپتىن قايتىپ كەلمىگەندىن كىيىن، بىلالنىڭ ئايالى پەرىدە ئەنسىزلىك ئىچىدە بالىلارنى مەكتەپتىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەن. ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىدە مىسىر يەرلىك 3- باشقارما ساقچىلىرى بىلالنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پەيدا بولۇپ، پەرىدەدىن بىلالنىڭ پاسپورتىنى تەلەپ قىلغان ۋە بىلالنىڭ چوڭ چاتىقىنىڭ يوقلۇقى، پات ئارىدا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پەرىدە پاسپورتنىڭ يوقلۇقى ئەمما ب د ت دىن چىقىرىپ بەرگەن مۇساپىرلار كىنىشكىسى بارلىقىنى ئېيتىپ، شۇنى كۆرسەتكەن.  ساقچىلار كېتىپ قالغان. 

22- مارت، بىلالنىڭ قاھىرەدىكى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇر دوستلىرى 3- باشقارمىغا بىلالنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلغىلى بارسا، ئۇ يەردە ھېچقانداق ئۇچۇر چىقماي، 2- باشقارمىغا بۇيرۇپ قويغان. 2- باشقارمىغا بارسا ئۇلاردىنمۇ ئۇچۇر چىقمىغان. 

23-مارت ئاخشامدا، بىلالنى مىسىر دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن تۇتقۇن قىلغانلىقى مەلۇم بولغان. نۆۋەتتە بىلال ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى خەتەر ئىچىدە، ئۇششاق بالىلىرى، تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا 6 ئاي بولغان ئوغلى خەتەر ئىچىدە! ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ھەركىمنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز! 

2017- يىلى 7-ئايدا، مىسىر ھۆكۈمىتى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كىيىن، قىلىپ قالغان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن يول خېتى سەۋەبلىك كېتەلمەي قالغان بولۇپ، مىسىرنىڭ ئەنسىز ۋەزىيىتىدە  يوللاردا نازارەت كۈچەيتىلىپ، پاسپورت ياكى ئىقامىتى يوق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ مىسىر چېگراسى تۈگۈل قاھىرەدىن سىرتقا چىقىشىمۇ تەسكە توختىماقتا.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇرسۇلا خانىم ئاپرېلنىڭ بېشىدا بىرلىكتە خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى

جۈ مارت 24 , 2023
فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇرسۇلا خانىم ئاپرېلنىڭ بېشىدا بىرلىكتە خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى

You May Like