ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغانغا يازغان خېتى

ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغانغا يازغان خېتى

(مەزكۇر خەت -ۋتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پىرەزدىنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئەپەندىگە يازغان مۇراجىئەت خېتى بولۇپ، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىلان قىلىندى)

ھۆرمەتلىك ئەردوغان ئەپەندى!

ئالدى بىلەن سىزنىڭ قايتا پېرزىنتلىققا تەيىنلەنگەنلىگىڭىزنى تەبرىكلەيمىز، ئاندىن سىزمۇ ئازىراق بولسىمۇ ئىتىراپ قىلىدىغان ئۇيغۇرۇمدىن سالاملار يوللايمىز!

سىز ناھايىتى سېخىلىق بىلەن دۆلىتىڭىز ئىشىگىنى ئېچىۋەتكەندىن كىيىن شىنجاڭ دىيارىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار سودا ۋە بىلىم ئېلىش مەقسىتى بىلەن دۆلىتىڭىزدە زىيارەتتە بولدى،  بۇ جەرياندا خەلقىڭىز ئازدۇر-كۆپتۇر مەنپەتلەرگە ئېرىشتى. ئىشلار شۇنداق داۋاملاشقان بولسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى، ئەمما دۆلىتىڭىزدىن قايتىپ كەلگەن، ئانا يۇرتۇم دەپ ۋەتەنگە قايتقان ھەر بىر ئىنسان دەھشەتلىك ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولدى، بولۇپمۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك تۈرمىلەرگە تاشلاندى. مىليونلىغان تۈرمىگە تاشلانغان بۇ بالىلار ئەزەلدىن ھىچبىر جىنايەت خاتىرىسى يوق، ئوقۇغان زىيالىلار ئىدى، سەۋەبى تۈركىيە چىگرا ئىچىدىكى تاغلاردا بومبا ياساش ۋە قورال مەشىق قىلىش بىلەن شۇغۇللۇنۇپ تېرورلۇققا تەييارلىق قىلغانمىش، ئەنە شۇنداق تۆھمەتلەر بىلەن بۇ ياش ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئالدى 15-20 يىل كەينى 5-10 يىل كىسىلىپ كەتتى. سىزنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ ياكى مۇشۇنداق رەزىل سۈيقەستتە باش رول ئالغانلىغىڭىز ئۈچۈن قايتا سايلانغانمىدىڭىز؟ ئۇنداق  بولمىغاندا نىمە ئۈچۈن ئادىل ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ«مەن دۆلىتىمدە قاچان، قەيەردە تېرورلۇق بازىسى ھازىرلاپتىمەن، قېنى ئىسپاتىڭ؟»دەپ دۆلىتىڭىزگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان بۇ تۆھمەتكە ئىنكاس قايتۇرمايسىز؟مىليونلىغان ئۇيغۇر بالىلىرى تۈركىيە سەۋەپلىك تۈرمىلەرگە تاشلاندى. بىچارە ئانىلارنىڭ كۆزىدىن ئاققان قان-ياش دەريا بولۇپ ئېقىۋاتىدۇ، قىساسىدىن قورقمامسىز؟ ئەل قىساسى مىنەل ھەق،ئەگەر ھەقتىن قورقسىڭىز مىليونلىغان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ نامىدا يېزىلغان بۇ خەتكە ئەھمىيەت بېرىڭ! دۆلىتىڭىزنىڭ تېرورلۇق بازىسى ئەمەسلىگىنى، دۆلىتىڭىزدىن قايتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن-تۈزۈمنى ياقلايدىغان، مەدىنىيەتلىك بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ. بىر مىللەتكە ھاقارەت ئەكىلىدىغان بۇ قانلىق تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ قالماڭ!

مىليونلىغان شىنجاڭ دىكى قان-زار يىغلاۋاتقان ئاتا- ئانىلار نامىدىن!

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

تاھىر ھامۇت ئىزگىل : مىنىڭ ۋەتىنىمدىكى تېراگىدىيە بىر دەرس بولسۇن!

جۈ ئىيۇل 28 , 2023
تاھىر ھامۇت : مىنىڭ ۋەتىنىمدىكى تېراگىدىيە بىر دەرس بولسۇن!

You May Like