ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار تىزىملىكى خىزمىتى

ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار تىزىملىكى خىزمىتى

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشيانە زۇلۇمى چېكىگە يېتىپ ھەر كۈنى سوراقتا ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان، لاگىر-تۈرمىدە ئۆلگەن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە ۋە بۇ ھەقتە ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلار ئېقىپ يۈرمەكتە. دۇنيانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشىغا ئەگىشپ، خىتاي يالغان تەشۋىقات ئارقىلىق لاگىرلارنى پەردازلىماقتا، خىتاينى خەلقئارادا تەلتۆكۇس يېڭىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىدىن بىرى-بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى رەتلەپ، دۇنياغا پاش قىلىشتۇر!
ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ بۇ ھەقتە سۆزلەش، بىلدۇرۇش، ھەرىكەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىكى تەتقىقاتچى، تەرجىمان دوستلىرىمىزمۇ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى توپلىدى ۋە رەتلىدى، ئەمما يېتەرسىز.
بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە بىزنى ئىسم، رەسم، ئورۇن، ۋاقىت ۋە باشقا تەپسىلات بىلەن تەمىنلىشىنى سورايمىز. پەقەت ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئۇچۇرى لازىم. بىز بۇنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا تەمىنلەيمىز، قاتىل ۋە ۋەھشى خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاچىمىز. ھەر قانداق تىلدا بولسا بولىدۇ، تەرجىمانلىرىمىز دۇنيادىكى 20 دىن ئارتۇق تىلدا تەرجىمە قىلىپ سۇنىدۇ.

ئالاقە ئېلخەت ئادرېسى: uyghurtimesuyghur@gmail.com

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

تۈركىيە ياخشى پارتىيسى باشلىقى ئۇيغۇر مەسلىسى سەۋەپلىك ئەردوغاننى تەنقىد قىلدى

چا ئۆكتەبىر 17 , 2018
    تۈركىيە ياخشى پارتىيسى ( يەنى ئىيى پارتىيەسى) باش مۇدىرى مەرال  ئاكشەنەر گۇرۇپپا يېغىنىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقى تۈركستان تۈركلىرى دۇچ كىلىۋاتقان ،ختتاينىڭ زۇلۇمى ھەققىدە سۆز قىلدى ھۈكۈمەتنىڭ سۇكۇتتە تۇرىۋىلىشنىڭ  يەنە بىر ئالامىتى- قەدىم تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركستان . شەرقىي تۈركستان مەسىلىسى مىللەتنىڭ دىلىدىكى بۈيۈك بىر يارادۇر.ئىيى پارتيدىن باشقا ھىچكىمدىن […]

You May Like