ئەنگىلىيە گاردىيان گېزىتىدە، تاھىر ئىمىن ب د ت باش كاتىبى گاتتىرنى خىتتاينىڭ ئۇيغۇر سياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

ماقالىدە نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقى ، ئۆتكەن يىلى ب د ت دا ئۇيغۇر ۋەزىيتى تونۇشتۇرۇلۇپ، بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قامالغانلىقى تىلغا ئىلىنغاندىن كىيىن ھازىرغىچە ۋەزىيەت شۇنچە يامانلاشسمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبى گاتتىرنىڭ خىتتايغا ئاشكارا قارشى تۇرمىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-9-25

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

ماقالىدە نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقى ، ئۆتكەن يىلى ب د ت دا ئۇيغۇر ۋەزىيتى تونۇشتۇرۇلۇپ، بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قامالغانلىقى تىلغا ئىلىنغاندىن كىيىن ھازىرغىچە ۋەزىيەت شۇنچە يامانلاشسمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبى گاتتىرنىڭ خىتتايغا ئاشكارا قارشى تۇرمىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش نىزامى ئەسلىتىلىپ ،باش كاتىپنىڭ سۇكۇتى-نومۇس ئىكەنلىكى ،خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايىتى تەنقىد قىلىنمىسا بۇنىڭ ب د ت تارىخىدىكى داغ بولىدىغانلىقى، تارىخنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ شەرقى تۇركستان ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان مەيدانىنى خاتىرلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن!

  ماقالە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئامرىكادىكى نۇرغۇن سىياسىيون ۋە مىدىيا ئەربابلىرى تاھىر ئىمىنغا خەت يىزىپ مەزكۇر ماقالىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك يىزىلغانلىقى، بولۇپمۇ ب د ت دا يىغىن ئىچىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆز ۋاقتىدا يىزىلغانلىقىنى ماختاپ خەت يازغان.

تاھىر ئىمىن ماقالىسىدا ( قىسقىچە):« شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇقسىز رايونغا ئايلاندۇرۇلدى. ب د ت باش كاتىبى ئانتونىيو گاتتىرىس خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىشى كىرەك ئىدى. سەيشەنبە كۈنى، ئامرىكا 30 دىن ئارتۇق دۆلەتنى يىتەكلەپ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى قاتتىق باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ياردەمچى سىكىرتار جون سۇللىۋان ب د ت ۋە ئۇنىڭ ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە سۆزلەش مەسئۇلىيىتى بار دىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئومومىي مۇستەقىل تاراتقۇلار، تەتقىقات ئورگانلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن، DNA يىغىش، قاتتىق نازارەت، مەسچىتلەرنى چېقىش، ئائىلىلەرنى ئايرىۋىتىش ۋە دىندارلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق خىتاي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلار توغرىسىدا دوكىلاتلارنى يازدى.

مىلىيونلىغان ئائىلىلەر پارچىلاندى، ئەڭ يۈرەكنى ئىزىدىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇتقۇن قىلىنغان سەبىي بالىلارنى ھۆكۈمەت ئاچقان ئاتالمىش يەسلىلەرگە مەجبۇرىي سولاپ قويغانلىقى بولدى. مىنىڭ ئائىلەم، مىنىڭ 6 ياشلىق قىزىممۇ شۇنىڭ قاتارىدا. جىنايىتىم ئىسرائىلىيەگە بىرىپ ئوقۇغانلىقىم.بىراق ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەندىمۇ ب د ت باش كاتىبى ھىچبىر زۇۋان سۈرمىدى.

ب د ت چوقۇم خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىنى تاقاش، ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىككە ئىرىشتۈرۈش، ئائىلەرنى جەملەش، مەخپى تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن كەچۈرۈم سوراش، مەسچىتلەرنى چىقىشتىن توختاش، كىشىلەرگە پاسپورتلىرىنى قايتۇرۇپ بىرىپ ئۇلارنىڭ خالىغان دۆلەتكە بىرىشىغا يول قويۇش قاتارلىقلارغا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كىرەك.

تارىخ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارغا كىلىۋاتقان ۋەھشىي زۇلۇملارنى خاتىرەلەيدۇ، شۇنداقلا قايسى دۆلەت ۋە كىشىلەر، بولۇپمۇ ب د ت باش كاتىپى گاتتىرىسنىڭ ياردەم قىلمىغانلىقىنى خاتىرەلەيدۇ» دەپ يازغان.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

سەئۇدى ئەرەبىستان 51 دۆلەتكە ئىلىكتىرونلۇق ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويدى

پە سېنتەبىر 26 , 2019
سەئۇدى ئەرەبىستان «رىياز» گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان يىقىن كەلگۈسى ئىچىدە 50 مىلىيون ئادەم قىتىم ساياھەت ۋە زىيارەت ۋىزىسى تارقىتىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئامرىكا قىتئەلىرىدىكى دۆلەتلەردىن كۆپلەپ ساياھەتچى جەلىپ قىلىش، شۇ ئارقىلىق سەئۇدى ئىچكى بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

You May Like