ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى-ئۇيغۇرلار ئ‍ۈچۈن ھىندستان دەرۋازىسنى ئاچتى (1)

<ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى> ھەيئىتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندىستاندا سياسى پائالىيەت ۋە كۆرۈشۈشلەر ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھىندستان پايتەختى يېڭى دېلھى (New Delhi)گە يېتىپ كەلدى.

 ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھىندىستان دەرۋازىسىنى ئاچتى (1)

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 29-ئۆكتەبىر

«ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى» ھەيئىتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندىستاندا سىياسىي پائالىيەت ۋە كۆرۈشۈشلەر ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلى (New Delhi)گە  يېتىپ كەلدى. 

27.10 كۈنى يېڭى دېھلى Jawaharlal Nehru University دە، ئاسىيا ۋە مەركىزى ئاسىيا تەتقىقاتى كەسپىدىكى ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە دوكتورانتلارغا ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى. سۆھبەتكە ھىندىستانلىق ئاخباراتچىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ئىشتىراك قىلدى. 

 

ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى

 

 ئەنگلىيەلىك ئېتا گۇتمان ئەپەندىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئورگان ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە توردىن نەخمەيدان دوكلاتى بەردى. 

«ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى» ھىندىستاننىڭ ئوڭچى تاراتقۇسى دەپ قارىلىدىغان TV Republic دە ئۇيغۇر مەسىلىسى  ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما سۈپىتىدە ئاڭلاتتى. ھىندىستاندا تونۇلغان رىياسەتچى دىكتور شاۋان سېن ئەپەندىم بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.  شاۋان سېن ئەپەندىم ئۇيغۇرلارنى چوقۇم قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

«ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى » قۇرغۇچىسى ئۈمىد ئاگاھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى» ھىندىستاندىكى ئالاقىدار سىياسىي پارتىيە، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تاراتقۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىدىكەن.

«ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى» نىڭ بۇ قېتىملىق ھىندىستان سەپىرى ھەققىدە داۋاملىق خەۋەر بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق تەشكىلاتلارغا سەھنە بېرىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

BBC: ئىراندا موللىلار ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى نامايىشتا 234 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى، ئىرانلىقلار دىئاسپوراسى كۈچلۈك غەزەپلەندى

دۈ ئۆكتەبىر 31 , 2022
BBC: ئىراندا موللىلار ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى نامايىشتا 234 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى، ئىرانلىقلار دىئاسپوراسى كۈچلۈك غەزەپلەندى

You May Like