يولدىشىم ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىڭلار

يولدىشىم ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىڭلار

 مەن ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر بولىمەن، ئۈچ بالام بىلەن تۈركىيە ئىستانبۇلدا ياشايمەن، مىنىڭ يولدىشىم 2012- يىلى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە كەسپىنى باكالاۋرلىق ئۇنۋانى بىلەن پۈتتۈرگەندىن  كېيىن ئۆزىنىڭ ئىلىم مەرىپەتكە بولغان ئىشتىياقى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى مەقسەت قىلىپ  2012-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى قانۇنلۇق پاسپورت بىلەن تۈركىيەگە كەلدى.

2014- يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرى ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بارسا ئىقامەت بېجىرىپ بەرمەي تۇتۇۋېلىپ ئىككى ھەپتە قاماپ قويۇپ قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن يولدىشىم مېنى كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بارسام قاماپ قويىدىكەن دېگەن قورقۇنچتا قالغاچقا ئىككى يىلغىچە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بارمىدى.

 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئومۇميۈزلۈك ئىقامەت بېجىرىپ بېرىدىكەن، ئىقامىتى يوق ئۇيغۇرلار ھەممىڭلار بېرىپ بېجىرىۋېلىڭلار دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ،بەلكىم ئەمدى تۇتماس دەپ ئويلاپ ئىككىنچى قېتىم ئىقامەت بېجىرگىلى باردى، ئەمما ئۇ قېتىممۇ تۇتۇۋالدى.
 
2016-يىلى10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلدى،ئۇندىن كىيىن قەيسەرىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە يۆتكىدى.

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 2017-يىلى 3- ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە  قەيسەرىيە گىرى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلدى، ئاندىن بىز تۇتقان ئادۋوكات دەۋا ئېچىپ قازانغاندىن كىيىن ھەر كۈنى قەيسەرىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىپ ئىمزا قويۇش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلدى، يولدىشىم قەيسەرىيەدە بىر دوستىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئىككى ھەپتە ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئەتىسى ئىمزا قويغىلى بارغاندا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇنى يەنە تۇتۇۋالدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇ تۇتۇلغان كۈنىلا ئەرزۇرۇمغا يۆتكىدى، ئەرزۇرۇمدا بىر قانچە ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن ئايدىنغا يۆتكىدى. شۇنداق قىلىپ يولدىشىم 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ساق بىر يىل ئەرزۇرۇم كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن ئايدىن كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە قاماقتا بولدى.

2018-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ھەپتىدە بىر كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىپ ئىمزا قويۇش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلدى، ھەپتىدە بىر كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىپ ئىمزا قويۇۋاتقان بولسىمۇ ئارىدىن پەقەت يېرىم يىل ئۆتكەندىن كىيىن 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچە سائەت ئون ئەتراپىدا ئۆيىمىزگە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى كىرىپ يولدىشىمنى قارا قولغا ئېلىپ كەتتى، قارا قولدا بىر ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن چاتالجا گىرى قايتۇرۇش مەركىزىگە يۆتكىدى،بىز بۇ ئاخىرقى قېتىمدا يولدىشىمنى قارا قولدىكى ساقچى تۇتۇپ زەيتۇنبۇرنۇ قارا قولغا ئېلىپ كەتكەن كۈنىلا ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈپ ئەتىسى ئادۋوكاتنى بىللە ئېلىپ قارا قولغا باردۇق، يولدىشىمنىڭ نېمە گۇناھى بار؟ نېمىگە تۇتتى؟  دېگەن سوئاللارنى قويدۇق، قارا قولدىكى ساقچىلارمۇ ئۆزىنىڭ نېمىگە تۇتقىنىنى بىلمەيدىكەن، شۇڭا قۇم قاپى كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىپ سوراڭلار، بىزگە شۇلار يولدىشىڭنى تۇتۇشقا بۇيرۇغان، يولدىشىڭنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغىنىنى شۇ قۇم قاپى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكىلەر بىلىدۇ دېدى، بىز قۇم قاپى كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىپ مەمۇرلار بىلەن كۆرۈشتۇق، ئۇ مەمۇرلار ماڭا يولدىشىمنىڭ ھېچ گۇناھى يوقلۇقىنى، پەقەت خىتاي پاسپورتىغا  قويۇپ قويغان بەلگە سەۋەبلىك تۇتقانلىقىنى دېدى، ۋە ماڭا يولدىشىمنىڭ پاسپورتىدىكى بەلگە يوق بولغۇچە دەۋا ئېچىشىم كېرەكلىكىنى، بولمىسا ھۆكۈمەتنىڭ قاچان تۇتقىسى كەلسە تۇتۇپ خاتىرجەملىك بولمايدىغىنىنى دېدى، بىز بۇرۇنمۇ ئىزدىگەن بىر ئادۋوكاتقا پۇل بېرىپ داۋاملىق دەۋا ئېچىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئاخىرقى قېتىم تۇتۇلغاندا تىزلا ئادۋوكات تۇتقىنىمىز ئۈچۈن قانۇنى يول ئارقىلىق يولدىشىم بىر ئايدىن كېيىنلا يەنى 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى قويۇپ بېرىلدى.

‏تۈركىيەدە يولدىشىمنى تۇتۇپ سولاپ قويۇش ئىشى بىر قانچە قېتىم تەكرار يۈز بەرگەچكە بىزگە چوڭ ئىقتىسادىي بېسىم بولغاندىن سىرت پسىخىكىلىق زەربىمۇ ئېغىر بولدى. يولدىشىم «مېنى يەنە تۇتىۋالارمۇ؟ قاچان تۇتۇلۇپ قالارمەن» دېگەن قورقۇنچ ئىچىدە قالغان بولسا، بالىلىرىم كوچىدا ساقچىنى كۆرسە قورقۇپ قاچىدىغان، «بىزنى تۇتىۋالمىسۇن ئاپا» دەپ مۆكىدىغان يەر ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە مەن ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەيسەر بولۇشقا تىرىشىپ،دەردىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ، بالىلىرىمغا بۇ ئىشلار سەۋەبلىك مېنىڭمۇ قانچىلىك غەمدە قالغىنىمنى بىلدۈرمەسلىككە تىرىشتىم، ئەمما بىر ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن يولدىشىمنى تۇتۇۋالسا چۆچۈرىدەك ئۈچ بالا بىلەن قانداق جان باقارمەن دېگەن غەم كاللامدىن كېتىپ باققىنى يوق. چۈنكى بالىلىرىم كىچىك، ئەڭ كىچىكى ئەمدى تېخى ئىككى ياشقا كىردى، بالىلىرىمنى تاشلاپ قويۇپ پۇل تاپىمەن دەپ خىزمەت تېپىپ ئىشلەپ يۈرۈشۈم تەس ئىدى، شۇڭا يولدىشىم: «قاچان تۇتۇلۇپ قالىدىغىنىمنى بىلمەي بۇنداق قورقۇپ ياشاشتىن زېرىكتىم، باشقا دۆلەتكە پاناھلىق قىلىپ چىقىپ كىتىمەن» دېگىنىدە مەنمۇ بەك توسۇپ كەتمىدىم، بولۇپتۇ خاتىرجەم ياشىغىلى بولىدىغان، سەۋەبسىز تۇتۇپ سولاپ قويمايدىغان يەر بولسا كەتسەك كېتەيلى دېدىم، بالىلىرىمىز ئىستانبۇلدا تۇغۇلغاچقا  بالىلىرىمىزنىڭ خىتاي پاسپورتى يوق، ئىقامىتى بار ئىدى، شۇڭا ھەممىمىزنىڭ بىللە كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇڭا يولدىشىم ئاۋۋال  چىقىپ پاناھلىق تەلەپ قىلىپ ئىشلار ھەل بولغاندىن كېيىن بىزنى ئېلىپ كېتىدىغان بولدى.

‏يولدىشىم تۈركىيەدىكى بۇ بېسىملاردىن قۇتۇلۇپ ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن ئەركىن دۆلەتلەردە كۈرەش قىلىش ئۈچۈن 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە ئايروپىلانغا چىقىپ كاسابلانكىغا قاراپ ئۇچتى،ۋە 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەن سائەت ئۈچلەر ئەتراپىدا «كاسابلانكىغا چۈشتۈم» دېگەن بىر  ئۇچۇرنى  ئەۋەتكەندىن كېيىنلا يوق بولۇپ كەتتى، ئاندىن سەكسەن سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت يولدىشىمدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغاچقا ئەنسىرەپ ھەر قايسى قېرىنداشلاردىن مەسلىھەت سوراپ ھەر قايسى تەشكىلات باشلىقلىرىنىڭ نومۇرىنى قېرىنداشلاردىن سوراپ تېپىپ يولدىشىمنىڭ ئەھۋالىنى خەۋەر قىلدىم، ئۇلارمۇ شۇ ھامان جىددىي تۈردە يولدىشىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. يولدىشىم جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 لەر بىلەن تۈرمىنىڭ تېلېفونىدا تۇيۇقسىز تېلېفون قىلىپ قالدى ۋە: «مېنى ئايروپىلاندىن چۈشۈشىمگە تۇتۇۋېلىپ كاسابلانكىغا يېقىن يەردىكى باشقا شەھەرگە ئەكېلىپ تۈرمىگە سولاپ قويدى، خىتاي مېنى قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپتۇ، تېزدىن يولۇمنى قىلمىساڭلار قايتۇرىۋەتكىدەك…» دېگەن گەپنى ئاران دېيەلىدى ۋە ئۇندىن كېيىنلا تېلېفون ئۈزۈلدى، شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئالتە كۈندىن بېرى يولدىشىمدىن تېلېفون ياكى ئۇچۇر يوق.

يولدىشىم كومپيۇتېرغا ئۇستا ئىدى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان خېلى كۆپ تەشكىلات جەمئىيەت، شەخسلەرنىڭ لوگو، رەسىم، فىلىم لاھىيەلەش، خەۋەر ئىشلەش، تور بەت ياساش دېگەندەك ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرگەن ئىدى، ئۆزى ئۆز ئالدىغا ئېلىپبە جەدۋىلى، ئېلىپبە كارتىسى لاھىيەلەپ بازارغا سالغان ئىدى، يەنە كومپيۇتېرغا ئائىت بىر كىتابنىڭ ئىچى تېشى ھەممە يېرىنى ئۆزى بىر قوللۇق يېزىپ مۇقاۋىسىنى ئۆزى لاھىيەلەپ باستۇرۇپ بازارغا سالغان ئىدى. قىسقىسى يولدىشىم قولىدىن ئىش كېلىدىغان ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئادەم، ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە قاتارلىق نەچچە خىل تىلنى پىششىق بىلىدۇ، شۇڭا خىتاي يولدىشىمنىڭ چوڭ ئىش قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ تۈركىيەدىكى چاغدىمۇ ئەركىن ياشىغىلى قويماي نەچچە قېتىم تۇتقۇزدى، ئەمدىلىكتە ماراكەش دۆلىتىدىن تەلەپ قىلىپ  ئېلىپ كېتىپ يوقاتماقچى، شۇڭا مەن ئۈچ بالام بىلەن يولدىشىمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتتىن ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن:بۇزەينۇر .ئوبۇل

Uyghur Reporter

Next Post

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە، «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى»قۇرۇلدى.

پە ئىيۇل 29 , 2021
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىككى پارتىيە ئەزالىرىدىن بولغان پارلامېنىت ئەزالىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى-Uyghur Caucus» قۇرۇلدى.

You May Like