پۈتۈن دۇنيا ھەيران قالغان ئەمما ئۇيغۇرلار قىرىغىمۇ ئىلمايۋاتقان غەلىتە ئ‍ىشلار

پۈتۈن دۇنيا ھەيران قالغان ئەمما ئۇيغۇرلار قىرىغىمۇ ئىلمايۋاتقان غەلىتە ئ‍ىشلار

 

ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 22 – ئاۋغۇست

 

16-ئاۋغۇستتىن ھازىرغىچە دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق تاراتقۇ ئارقىمۇ ئارقا ھالدا،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە خىتاينىڭ مەخپى تۈرمىسى بار ئىكەنلىكىنى،ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، دۇبەيدە خىتاينىڭ تۈرمىسى بارلىقىنى خىتاي ئايال ئاشكارىلىغان ،خىتاي ئايال ئۇ يەردە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى كۆرگەن،ئۇيغۇر ئايالنىڭ خىتايچە « مىنىڭ جۇڭگوغا كەتكۈم يوق، مىنىڭ تۈركىيىگە كەتكۈم بار » دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىغان.خىتاينىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلىتى  ياكى ئەرەب دۆلىتىدە  ئۇيغۇرلارنى تۇتىدىغان بىر تۈرمە قۇرۇشى-غەرب مۇتەخەسسىسلىرى ۋە  تاراتقۇلىرىنى ھەيران قالدۇردى.غەزەپلەندۈردى. 

خوش، دېمەك بۇ تۈرمە ھەققىدە ئۇيغۇرلارمۇ بىلىدۇ، 

تۈرمىنى بىلمىسە، بىر ئۇيغۇر يوقاپ كەتسە ،ئارىلىشپ ئۆتىدىغان بىر نەچچە ئۇيغۇر بولسىمۇ بىلىدۇ،بىلىدۇيۇ،  تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىمايدۇ، كارى بولمايدۇ. ئەمما باشقىلار تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىسمۇ، بىز ئۇيغۇرلاردىن كۆڭۈل بۈلىدىغانلار يەنىلا چاغلىق.ئىككى ئۇيغۇر دۇبەيدە تۈرمىدە،يەنى ئۆلۈم ئالدىدا، بىزنىڭ فايىس بۇكتا ئەرزىمەس تېمىلاردا توختىماي مۇنازىرە ۋە ھۇجۇم قىلىشىدىغان ۋاقتىمىز بار،ئەمما ئۆلۈم ئالدىدىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ غېمىنى قىلىشقا ۋاقتىمىز يوق.

ختتاي يەنە قايسى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ سولايدىغان تۈرمىلەرنى قۇرماقتا؟

بىز داۋىخورلۇق،  نان قىپىلىق، روھى يېمىلىرىشتە ئۇچىغا چىقمىدۇق دەپ دېيەلەمدۇق؟

ئەكسىچە،بىز يەنىلا باشقا دۆلەت،خەلقلەرنىڭ غېمىدە.

مۇشۇنداق چاغدا يوشۇرۇن تۇتۇلىۋاتقان، يوقاپ كېتىۋاتقان، خىتايغا يوللىنىۋاتقان، ئۆلۈۋاتقان ئادەملىرىمىز بار ،خيالىمىزدا بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، كۆڭۈل بۆلگەنلىكىمىزنىڭ پاكىتى قىنى؟ئەگەر كۆڭۈل بۆلمىگەن بولمىساق،ئۆز ۋىجدانىمىزغا يۈز كىلەلەمدۇق؟

Uyghur Reporter

Next Post

ئامېرىكا مەنبەلىرى:تالىبان كابۇلدىكى ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى ئاقتۇرۇشنى باشلىدى

يە ئاۋغۇست 22 , 2021
تالىبان دائىرىلىرى ھەپتە ئاخىرىدا كابۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق ئۆيلەرنى ئاختۇرۇشقا باشلىغان…

You May Like