رابىيە قادىر : ۋىرۇسلۇق كۈنلەردىكى روزا ھېيتىمىزمۇ مۇبارەك بولسۇن!

راست گەپنى قىلساق، ۋەتىنىمىز ئىشغال قىلىنغاندىن باشلاپ، بىز ھەقىقىي بىر ھېيت ئۆتكۈزۈپ باقمىدۇق؛ بىزگە ھېيت بولۇپ باقمىدى؛ ئەمما ئۈمىدسىزلىكنى ھارام دەپ بىلىدىغان ئەھلى ئىمان بىر مىللەت بولغىنىمىز ئۈچۈن ھەر قېتىملىق ھېيتتا، ھاياتدىمىزدكى ۋە ئىستىقبالىمىزدىكى پارلاق نۇقتىلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، كۆڭلىمىزنى ئۆستۈردۇق، بېشىمىزنى تىك تۇتتۇق ۋە خىتايغا سۇنماس روھىمىز بىلەن جەڭ ئېلان قىلدۇق. بۇ ھېيتتىمۇ بۇ » جەڭ»نى داۋام قىلىمىز:

 بۇ قېتىملىق روزا  ھېيتىمىز ، خىتاي ۋىرۇسى دۇنياغا ئاپەت تېرىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئەلۋەتتە ھەر ئىشتا بىر خەير بار. خىتاي 3 يىلدىن بۇيان لاگىرلاردا دىنىمىزنى ۋىرۇس دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى؛ خىتاي ۋىرۇسى خىتاينىڭ ئۆزىگە ۋىرۇسنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى. خىتاي ئۆزىنىڭ كۈچ قۇدرەتتە  تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى جاكالاپ كەلگەن، بىر مەھەل ۋىرۇسقا تەسلىم بولدى، ھېلىھەم ۋىرۇسنىڭ ۋەھىمىسى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. بىز يىللاردىن بېرى دۇنيا جامائىتىگە خىتاي دۆلىتىنىڭ  بىزگىلا ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭ تېنچلىقى ۋە بىختەرلىكىگە تەھدىت  ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ كەلگەن ئىدۇق؛ دۇنيا ئىشىنىپ كەتمىگەن، ئىشەنگەنلىرىمۇ جىددىي تەدبىر ئالمىغان ئىدى. خىتاي ۋىرۇسى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىكى بىلەن دۇنياغا تارقىلىپ 300مىڭدىن ئارتۇق ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولدى.  

      ئۈمىد قىلىمەنكى دۇنيا ئەمدى خىتاينىڭ قايسى دەرىجىدە ئاپەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى، يەر شارىنىڭ بىر بۇرجىكىدە، بىر زالىم ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يەر شارىنىڭ ھەممە بۇرجىكىگە خەۋپ يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. دۇنيا جامائىتى، بۇ قېتىم خىتاي تەھدىدىنى  بىزنىڭ ئاۋازىمىز بىلەن ئەمەس خىتاي ۋىرۇسىنىڭ زىيىنى بىلەن تونۇپ يەتتى.

  دۇئا قىلىمىزكى،  ئامېرىكا قاتارلىق ئادالەتپەۋەر دۈلەتلەر، تۈركىيە قاتارلىق قېرىنداش دۆلەتلىرىمىز، بۇ خىتاي ۋىرۇسى  ئاپىتىدىن يېقىن ئارىدا پاك-پاكىز  قۇتۇلىدۇ!

  ئىشىنىمىزكى ، بۇنچە زىيالاردىن كېيىن،  دۇنيا دۆلەتلىرى،  بىزنىڭ مەنپەەتىمىز ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولسىمۇ،  خىتاينى  تىزگىنلەشكە، ئەدىپىنى بېرىشكە  چوقۇم  ھەركەتكە ئۆتىدۇ. 

   ئاللاھ بىزگە ۋەتىنىمىز ئاسمىنىدا كۆك بايرىقىمىز لەپىلدىگەن، مەسچىتلىرىمىزدە ئەرزانلار ياڭرىغان، سەينالىرىمىزدا سامالار قاينىغان  ھەقىقىي بىر بايرامنى پات ئارىدا نېسىپ قىلغۇسى!!!. 

   ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى – رابىيە قادىر

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

مۇستەقىللىق- ئۇيغۇر مەۋجۇتلىقىنىڭ كاپالىتى

چا ماي 27 , 2020
مۇستەقىللىق- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ كاپالىتى.

You May Like