ئامېرىكا مەنبەلىرى:تالىبان كابۇلدىكى ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى ئاقتۇرۇشنى باشلىدى

تالىبان دائىرىلىرى ھەپتە ئاخىرىدا كابۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق ئۆيلەرنى ئاختۇرۇشقا باشلىغان…

ياسىنجان مەمەت، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

22-ئاۋغۇست، 2021-يىلى

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيا ئىشلىرى تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئوكسۇس جەمئىيتى ۋە ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى بىرادلى جاردىننىڭ تېۋىتتردا 22-ئاۋغۇست چۈشتىن كىين بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تالىبان دائىرلىرى شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئافغانستان كابۇلدىكى ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى ئاقتۇرۇشقا باشلىغان.ئۇ بۇ خەۋەرنى كابۇلدىكى ئ‍شەنچىلىك مەنبەلەردىن ئېرىشكەنلىكىنى ئىككى قىېتىم ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ۋاشنگىتوندىكى ئ‍سمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان (ختتاي دائىرلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلماسلىقى ئۈچۈن) بىر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا بىلدۇرشىچە، كابۇلدا قاپسلىپ قالغان بىر قسم ئۇيغۇر ئائىللىرى ئەندىشىگە چۈشكەن بولۇپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنى دالدىغا ئىلىشنى باشلىغان.مەزكۇر تەشكىلات ئ‍ۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر قسم ھەرىكەتلەرنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مەسئۇلى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كابۇلدا تۇرىدىغان،ئ‍سمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇچ نەپەر  ئۇيغۇر خانىم (ھەممىسى ئۆزىنى ئافغانستانلىق ئەر بىلەن توي قىلغان دەپ تونۇشتۇرغان)ئۆزىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانستاندىن ئىلىپ كتىشنى سورايدىغانلىقىنى،كابۇلدىكى ئۆزى تونۇيدىغان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىچىپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۇرگەن.

بىز ئۇلاردىن بىرى بىلەن سۆزلەشتۇق، ئۇ خانىم مۇنداق دىدى:مەن ئۆتۈنۇپ قالاي جىنىم ئ‍ۇكىلىرىم،بىزنى بۇ يەردىن نەگە بولسا ئىلىپ كېتىڭلار،بىزنىڭ ختتايغا كەتكۇمىز يوق.»بىز ئۇنىڭدىن تالىباننىڭ ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى تەكشۈرگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان-ئاڭلىمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا،ئۇ ئۆزىنىڭ ئاڭلىغانلىقىنى ،تالاغا چىقماي،ئۆيدە مۆكۈنۈپ ئولتۇرغانلىقىنى،يېمەك-ئىچمەكنى بالىلىرىنىڭ تالادىن ئەكىرىپ بەرگەنلىكىنى دىدى.

بىز ئۇنىڭدىن:تالىبان نىمىشقا ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى تەكشۈرىدۇ ؟-دەپ سورىغىنىمىزدا،ئۇ «نىمىشقا تەكشۇرەيتتى،شۇ ختتايغا بەرگەن ۋەدىسنى ئاقلاپ،بىزنى ساتماقچى دە، بىزگە لەغمەن ئەكەپ بەرمەس ھەر قانچە بولسا؟»دەپ جاۋاپ بەردى.

تالىبان باياناتچىسى بۇگۇن خەلقئارا تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا،بىز ھەر قايسى مۇسۇلمانلارغا كۆڭۈل بۆلىمىز،ختتايدىكى مۇسۇلمانلارغىمۇ كۆڭۇل بۆلىمىز،ئەمما ختتاينىڭ ئىچكى ئ‍شلىرىغا ئارىلاشمايمىز»دەپ جاۋاپ بەرگەن،ئالدىنقى كۇنى بەرگەن باياناتى ۋە شۇنداقلا ختتاي تاشقى ئ‍شلار مىنىسترلىكىگە بەرگەن باياناتىدا،تالىبان ختتايغا ئافغانستاننىڭ ختتايغا قارشى ھىچقانداق ھەرىكەت ئۈچۈن ئ‍شلىتىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە بايانات بەرگەن.

ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا بىر قسم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تالىباننىڭ ئافغانستاندا قايتا ھوقۇق تۇتقانلىقىنى تەبرىكلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ مەزلۇم شەرقى تۈركستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ،ختتايغا قارشى تۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان.

تالىبان ئافغانستاننى كونتىرۇللۇققا ئالغاندىن كىين،ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىدىن ۋول سچرىت ۋە نىيۇيورك ۋاقىت گىزىتى قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئىلان قىلىنغان ماقالىلاردا،ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشە ئورۇن ئالغان.ھىندستان تاراتقۇلىرىمۇ ختتاينىڭ تالىباندىن پايدىلىنىپ،ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قېتىم تىرورچى كۆرسىتىش ۋە باستۇرۇشنى كۇچەيتىش پىلانى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئەركىن ئاسيا رادىئوسى بەرگەن خەۋەردە كۆرستىلىشچە، «تالبان دائىرلىرىنىڭ ختتاي بىلەن ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئ‍ورتاقلىششى-ئۇيغۇرلار ئ‍ۈچۈن ناھايتى زور خەۋپ ئىلىپ كىلىدۇ.»

Uyghur Reporter

Next Post

خىتاينىڭ "جىنايەت مۇزېيى"، بىڭتۇەن مۇزىيخانىسى قايتا ئېچىلدى

دۈ ئاۋغۇست 23 , 2021
خىتاينىڭ "جىنايەت مۇزېيى"، بىڭتۇەن مۇزىيخانىسى قايتا ئېچىلدى

You May Like