ﺑﯜﮔﯜﻥ، ﻳﻪﻧﻰ 17 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻧﯘﺗﯘﻟﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ !

بۈگۈن 30-ئىيۇل كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بېريۇسسېلدا شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتىنى تېما قىلغان، ئ‍ۇيغۇر ئ‍ىرقي قىرغىنچىلىقىنى يەرلىكلەرگە ئ‍اڭلىتىش فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

ئ‍اۋات شەھەر كوچىسى ۋاپپېردا شەھەر ئ‍اھالىلىرىغا،ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىنى،خىتاينىڭ جازا لاگېرغا ئ‍ائ‍ىت رەسىم ، ماتېرياللار،تەشۋىقات ۋاراقلىرى ۋە جانلىق ئ‍ىسپاتلار بىلەن ئ‍اڭلىتىلدى. كۆرگەزمە جەريانىدا 500 پارچە يەرلىك تىلدا تەييارلانغان تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلدى.

7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى قاباھەتلىك بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، 2014 – يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىلانلىق، تەشكىللىك، مەقسەتلىك، سىستېمىلىق ۋە ئىنسانىيەت قىلىپىدىن چىققان يوسۇندىكى كەڭ كۆلەملىك دۆلەت تېررورلىقى – قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان كۈن.

بۈگۈن شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىدە 5-ئيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە 7-ئىيۇلدا ئەسكەر ۋە خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

5.ئيۇل قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىن زامان تارىخىدىكى ،ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ۋە خىتاي سىياسىتىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسىدۇر! بىز بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايىز ! ۋە بۇ قىرغىنچىلىقتا بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىننەت بىلەن ئەسلەيمىز ! بۇ كۈنى تانكا ئالدىدىكى تۇرسۇنگۈل ،قۇچىقىدا بالىسى بىلەن ئۈچ كۈنلۈك بوۋىقىنى ئۆيىدە قويۇپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان تۇرسۇننىيازخان، كۆك مايكىلىق قىز دىلبەر ئۇيغۇر تارىخىدىكى رىزۋانگۈل ۋە نۇزۇگۇم روھىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەيدىغانلىقىنى ،تاجاۋۇزچىلارغا مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا جاكارلىدى!

ئەنقەرەدە «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپېرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومتىتىنىڭ 50. قېتىملىق يىغىنى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابىدا ئېچىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن چاقىرىلغان « شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» نىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى باشلاندى