1-ئاينىڭ 31- كۈنى شىۋىتسارىيەنىڭ 7 چوڭ گېزىتى ئارقا – ئارقىدىن شىۋىتسارىيەدە ياشايدىغان بىر ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ ھىكايىسى ژورنالىست لېئا شتۇبەر قەلىمىدە <<شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر ئائىلە ئانىسى ۋە ئۇكىسى ئۈچۈن ۋەھىمىدە>> تېمىسىدا ئېلان قىلدى. بۇ كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى دوكتۇر ئابشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى نامىدىن دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق ۋە خەۋەرنىڭ ئەسلىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇق.

بۈگۈن شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھرىدە مىڭلارچە تىبەت ،ئۇيغۇر،موڭغۇل.ۋە خوڭكوڭلۇقلار خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈدىغان ئولېمپىكقا قارشى نامايىش قىلدى.
نامايىشنى شىۋېتسارىيەدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى،شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى، ۋە شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق ۋە قىلىدىغان تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ نامايىش بىر سائەتلىك شەھەر ئىچىدە داغدۇغۇلۇق يۈرۈش ۋە خەلقارا ئولىمپىك كومتىتى ئالدىدا ھەر قايسى تەشكىلاتلار خەلقارا ئولىمپىك كومتىتىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەرتىپلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» ناملىق يىغىن
غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرى. 29-يانۋار شەنبە كۈنى فىرانسىيەنىڭ ئالتە چوڭ شەھىرىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارشى تۇرۇش، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىش تېمىسىدا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىنگىلىزچە ئۇيغۇر تايمىزنىڭ كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى 20مىڭدىن چۈشمەي مېڭىۋاتىدۇ! ختتايچە، ئىنگىلىزچە خەۋەرلىرىمىزنىڭ كۆرۈلۈش سانى ئوخشاش ساھەدىكى تور بېكەتلەردىن قىلىشمايدۇ.
(بۇ يەردە كەسپى تور بېكەتلەرنى رىقابەتچى شەكلىدە تېزىشنى لايىق كۆرمىدۇق)

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرى، بۈگۈن يەنى 17-يانۋار دۈشەنبە كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش» لايىھىسىنىڭ 2- قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر قىزى پىداكارئىنقىلابچى ، شائىرە زەينۇرە ئىيسا بىر ئۆمۈر قەلبىگە پۈككەن ئارزۇ ئارمانلارنى قالدۇرۇپ، 2022-يىلى 1-ئاينىڭ8-كۈنى كىسەل سەۋەبى بىلەن ئىستامبۇلدا ۋاپات بولدى.

ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» باش تېما قىلىنغان ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى

1- ئاينىڭ 4_-كۈنى ئىستانبۇل چاغلايان سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئادۋوكاتلىرى بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان« ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تەۋەلىكى جىنايى ئىشلار ئەرزى » نى تۈركىيە جازا مەھكىمىسىگە سۇنۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى. پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلات، دەرنەك ۋەكىللىرى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، ھەرقايسى تۈرك ئاخبارات قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

ئىستانبۇلدا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى ئىمزا توپلاش ،ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى ۋە مەخپىي ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولغان <ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش >پىلانى