ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» ناملىق يىغىن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» ناملىق يىغىن
غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» ناملىق يىغىن
غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
ئۇيغۇر ئاگېنتلقى 2022-يىلى 31-يانۋار
ئىسلام دۇنياسنى ئويغتىش ھەرىكىتى جىددى داۋاملاشماقتا؛
2022-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىنغا تۈركىيە ، مالايسىيا ، ھىندونېزىيە ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
ئىسلام دۇنياسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەت قوزغاش ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئورتاق مۇنبەر قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى ، چەتئەللەردىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاڭلاتتى.
ئىككىنچى كۈنى ، بۇ يىل رامىزان ئېيىدىن باشلاپ كېلەر يىلى رامىزان ئېيىغىچە داۋاملىشىدىغان ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك لوندوندا ئېچىلغان ئۇيغۇر مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا قەتئى قوشۇلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنى جاكالىدى . ئاخىرىدا بىرلەشمە خىزمەت پروگراممىنى بېكىتتى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ياپونىيە پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

سە فېۋرال 1 , 2022
ياپونىيە پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

You May Like