ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مالايشىيا پارلامېنتىدا

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر3-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مالايشىيادىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان ۋە بۈگۈن مالايشىيا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەردى.

 ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مالايشىيا پارلامېنتىدا

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-ئۆتەبىر

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە « ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر3-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مالايشىيادىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان ۋە بۈگۈن مالايشىيا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەردى.

مالايشىيا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئاز-تولا مەلۇماتى بولسىمۇ، لېكىن يېتەرلىك دەرىجىدە ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى مالايشىيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىسلەردىن  خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ يوقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا تۈرلۈك سوئاللار سورىغان. روشەن ئابباس خانىم ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تامامەن خىتايلاشتۇرۇش ياكى قىرىپ يوقىتىشتىكى ۋەھشىيانە نىيەتلىرى، قىلمىشلىرى، غايىلىرى توغرىسىدا چۈشەنچىلەر بېرىپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇملارغا كەسكىن پوزىتسىيەدە  بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

سۆھبەتكە قاتناشقان مالايشىيا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە ۋەدىلەر بەرگەن ۋە تېلېۋىزورلاردا نەخمەيدان زىيارەتلىرىنى تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى مالايشىيا خەلقىگە تونۇشتۇرغان.

روشەن ئابباس خانىم ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر بۈگۈن يەنە مالايشىيادىكى ئوخشىمىغان ساھەلەرگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىشلىرىنى داۋام قىلماقتا.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

لاگېر شاھىتلىرى شىۋىتسارىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ باردى

دۈ ئۆكتەبىر 3 , 2022
ياۋروپا شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتى،شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار 27- سېنتەبىردىن 30- سېنتەبىرگىچە شىۋىېتسارىيەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى.

You May Like