ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تۇرسۇنجان تەييارلىدى 30-نويابىر ختاينىڭ يەر شارى بويلاپ ئېشپ بىرىۋاتقان تەسر كۈچى، ھەتتا دۆلەتلەر ھالقىغان قارا قولى غەرپ دۇنياسنى ئەندىىشگە سالماقتا.ختاينىڭ ياۋروپادىكى ئ‍نسان ھەقلىرى ساھەسىگە كۆرستۋاتقان تەسر كۈچىنى چۈشىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئېتتپاقى پارلامېنتى ئالاقىدار كومېتىتلىرى ئ‍ۇيۇشتۇرغان « خىتاينىڭ ياۋروپادىكى كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىرى»توغرىسدا مۇھاكىمە ئىلىپ […]

24-25-نويابىر كۈنى ،بېلگىيەنىڭ لۆۋېن ئۇنۋېرسىتدا «21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رولى »دىگەن تېمىسدىكى مۇھاكىمە يېغىنىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئاساسى تېما قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا گوللاندىيەدىن لاگىر شاھىتى قەلبىنۇر سدىق خانىم، ئەنگىلىيەدىن ئەدىپ ۋە شائىر ئەزېز ئەيسا ئەلكۈن ، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئيتى رەئسى ئەكپەر تۇرسۇن قاتارلىقلار ختاي ھاكېمىيتى ئاستىدا […]

بۈگۈن 30-ئىيۇل كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بېريۇسسېلدا شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتىنى تېما قىلغان، ئ‍ۇيغۇر ئ‍ىرقي قىرغىنچىلىقىنى يەرلىكلەرگە ئ‍اڭلىتىش فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

ئ‍اۋات شەھەر كوچىسى ۋاپپېردا شەھەر ئ‍اھالىلىرىغا،ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىنى،خىتاينىڭ جازا لاگېرغا ئ‍ائ‍ىت رەسىم ، ماتېرياللار،تەشۋىقات ۋاراقلىرى ۋە جانلىق ئ‍ىسپاتلار بىلەن ئ‍اڭلىتىلدى. كۆرگەزمە جەريانىدا 500 پارچە يەرلىك تىلدا تەييارلانغان تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلدى.

بۈگۈن ئەتىگەندە بېلگىيەنىڭ سونې شەھرىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

بۇ گۇۋاھلىق سۆھبىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان بىلگىيە ئىكولو پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ياش ۋەكىلى سەمۇئىل كوگولاتى، شۇنداقلا بىلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

بۈگۈن 6- فېۋرال بېلگىيەنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ پايتەختى بولغان برۇيسسېلدىكى ئالبېرتىن مەيدانىدا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ باردى. ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ۋىرۇسى چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك، ئەڭ كۆپ بولغاندا 75 ئادەم قاتنىشىشقا مەجبۇرىي بولدى. بۇ قېتىملىق نامايىشقا مەزكۇر تەشكىلات بىلەن زىچ ئالاقىدە ۋە ھەمكارلىقتا بولۇۋاتقان بېلگىيە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى ۋە مۇسۇلمان ئۇقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلىرى ئىشتىراك قىلدى.

12- يانۋار چۈش سائەت بىردىن تۆتكىچە، بىلگىيە پايتەختى بىرۇسسىلدا بىلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «سۈكۈتنى بۇزۇش» نامايىشى بىرۇسسىل مەركىزىي پويىز ئىستانسىسىدىن باشلىنىپ، لۇكسىمبۇرگ مەيدانىغا قەدەر مارش قىلغان.

خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ تۇيۇقسىز فاشىزىمغا قاراپ يۈزلىنىشى ۋە بۇنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنىڭ سېموۋلى بولغان جازا لاگېرلىرىنى ئېچىپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قاماپ، خورلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قاراتتى. مەسىلىمىزنىڭ بۇ بۇرۇلۇشىدا نۇقتىلىق رول ئوينىغانلار ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ۋەتەندىكى خىتاي باستۇرۇشىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى قەھرىمان قېرىنداشلىرىمىز، دەردىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان ئىنسانپەرۋەر غەرب مۇخبىرلىرى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ دەردىگە