Home سىياسەتئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىبېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيتى ياۋروپا پارلامېنتىدا « خىتاينىڭ ياۋروپادىكى كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىرى» ناملىق مۇھاكىمە يېغىنى ئېچىلدى

ياۋروپا پارلامېنتىدا « خىتاينىڭ ياۋروپادىكى كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىرى» ناملىق مۇھاكىمە يېغىنى ئېچىلدى

by uyghurtimesuyghur

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تۇرسۇنجان تەييارلىدى

30-نويابىر

ختاينىڭ يەر شارى بويلاپ ئېشپ بىرىۋاتقان تەسر كۈچى، ھەتتا دۆلەتلەر ھالقىغان قارا قولى غەرپ دۇنياسنى ئەندىىشگە سالماقتا.ختاينىڭ ياۋروپادىكى ئ‍نسان ھەقلىرى ساھەسىگە كۆرستۋاتقان تەسر كۈچىنى چۈشىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئېتتپاقى پارلامېنتى ئالاقىدار كومېتىتلىرى ئ‍ۇيۇشتۇرغان « خىتاينىڭ ياۋروپادىكى كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىرى»توغرىسدا مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە ختاينىڭ تەسر كۈچىنى ئۆز تەجربىسىگە ئاساسەن تونۇشتۇرغان. بۇنىڭدىن 7 يىل بۇرۇن ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ختاي خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلغان «تېرورچى» نامىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئاساسدا قسقا مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشى ۋە سوراققا تارتىشى -بۇنىڭ تېپىك مسالى ھسابلىنىدۇ.

مۇھاكىمىدىن كېين، بىلگېىيە ئ‍ۇيغۇر جەمئىيتى رەئىسى ئەكبەر تۇرسۇن، ھەيئەت ئەزالىرىدىن غۇنچەم ۋە ئارزىگۈل خانىم قاتارلىقلار ياۋروپا پارلامېنتى مۇئاۋىن رەئىسى پىسىرنو خانىم بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment