بىريۇسسېلدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» ئېچىلدى

بىريۇسسېلدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» ئېچىلدى

 بىريۇسسېلدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 9-نويابىر

9-نويابىر چارشەنبە كۈنى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»، «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى»، ۋە «ھەسەنە» تەشكىلاتى قاتارلىق ئۈچ ئورگاننىڭ بىرلىكتە پىلانلىشىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا جايلاشقان «ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى»نىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئېچىلدى. 

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر مۇنبەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ ئورگاننىڭ بىرلىكتە ساھىبخانىلىقىدا شۇنداقلا «ياۋروپا پارلامېنتى»دىكى بىر قىسىم سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خەلقئارادىكى ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار، سىياسىيونلار، قانۇنشۇناسلار، ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلاردىن 300 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇنبەرنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتى ئاساسلىقى نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نى توختىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىن جەريانىدا ھەر قايسى تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارادا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا قارار ماقۇللانماقچى ئىكەن.

ئارمان تەييارلىدى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇرلار قامالدا ياشاۋاتقىلى 100 كۈندىن ئاشتى،ئ‍اچلىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يوق.

جۈ نويابىر 11 , 2022
ئۇيغۇرلار قامالدا ياشاۋاتقىلى 100 كۈندىن ئاشتى،ئ‍اچلىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يوق.

You May Like