مالايشىيا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ب د ت دا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مالايشىيا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ب د ت دا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

 مالايشىيا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ب د ت دا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6-ئۆكتەبىر

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسلار مالايشىيانىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاددىي پۇقرالىرىغىچە بولغان ھەرساھە كىشىلىرىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. 

ئۇلار خەلقئارا ئىسلام ئىش بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇھاجىرلارغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاباھەتلىك ۋەزىيىتىنى  تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسلار مالايشىيا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھاجى موھد راشىد بىن ھاسنون بىلەن كۆرۈشۈپ، ب د ت دا بۈگۈن ئاۋازغا قويۇلىدىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قارارغا مالايشىيا دۆلىتىنىڭمۇ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى تەلەپ قىلدى. 

ھاجى موھد ئەپەندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئاۋاز بېرىش تەكلىپىنى يەتكۈزدى.

ئۇلار ئىسلام ئىش بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە مۇھاجىرلار كومىسسىيونىنىڭ باشلىقى دوكتور ھاجى ئالىي ئاچىكگۈل ۋە ئاھماد ئازام راھمان قاتارلىقلار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئىسلام ئىش بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەرھال ئاۋاز چىقىرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. 

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە روشەن ئابباسلار بۈگۈن يەنە مالايشىيا پارلامېنتىنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پارتلاتقۇچ خەۋەر: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدىكى قارارنامىسى تەستىقتىن ئۆتمىدى

پە ئۆكتەبىر 6 , 2022
پارتلاتقۇچ خەۋەر: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدىكى قارارنامىسى تەستىقتىن ئۆتمىدى

You May Like