شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يېتەكلىشىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يېتەكلىشىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

 شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يېتەكلىشىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 7-ئىيۇن

ئارمان تەييارلىدى

7-ئىيۇن «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى»نىڭ يېتەكلىشىدە بېلگىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى تاجاۋۇزچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. ئىگىلىشىمىزچە ئوخشاش تېمىدىكى نامايىش شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا  6-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ۋە كانادادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئالدىنقى ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان.

 شىۋېتسىيەدىن ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش شۇ جاي ۋاقتى 6-ئىيۇن چۈشتە سىتوكھولمغا جايلاشقان شىۋېتسىيە پارلامېنت  بىناسىنىڭ ئالدىدا باشلىنىپ ئىككى سائەت داۋام قىلغان. ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىم نامايىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك يېقىندا ئاشكارىلانغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» خەلقئارادا شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ئەمما شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى پارلامېنتىدا بولسۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تېخىچە رەسمىي تۈردە ئاۋاز چىقارغىنى يوق، تېخى ئالدىنقى ئايدا شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى «ئىسپاتى تولۇق ئەمەس» دېگەن سەۋەب بىلەن ئېتىراپ قىلمىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىز شىۋېتسىيەنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى، ئېتىراپ قىلىپلا قالماي خىتاينىڭ جىنايىتىنى توسۇش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىپ بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇردۇق، نامايىش جەريانىدا يەرلىك ئاھالىلەر، ساياھەتچىلەر كۆپلەپ كېلىپ بىز بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى، شۇنداقلا بىزگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.»


 
7-ئىيۇن چۈشتە بىريۇسسېلغا جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنتى بىناسى ئالدىغا يۈز مېتىر ئارىلىقتىكى مەيداندا «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى»نىڭ ئەزالىرى نەجمىدىن شېرىف ئەپەندىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە پارلامېنت بىناسى ئىچىدە «ياۋروپا كومىسسىيونى بىخەتەرلىك تاشقى ئىشلار يىغىنى» ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، نامايىشچىلار بىرلىكتە: « ياۋروپا ئويغان! خىتاي تاجاۋۇزچى! خىتاينىڭ كوممۇنىست ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالما! خىتاي ساڭا تەھدىت!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار نامايىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ سۈرەتلەرگە تارتىشتى.

فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان «فىرانسىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى» نىڭ خىزمەت بىناسى ئالدىدا بۈگۈن چۈش سائەت 12دىن  سائەت ئىككىگىچە ئوخشاش تېمىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا لاگېر شاھىتى گۈلباھار جەلىلوۋا ۋە پارىژدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى. نامايىشچىلار: «ئۇيغۇرلار قىرىلىۋاتىدۇ! ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇڭلار! خىتاينى بايقۇت قىلىڭلار!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى. نامايىش مەيدانىغا تىزىلغان يېڭى شەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرى يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلغان بولۇپ، پارلامېنت بىناسىدا خىزمەت قىلىدىغان بەزى خادىملار كېلىپ رەسىملەرگە تارتىشتى، ۋە نامايىشچىلاردىن سوئاللارنى سوراپ سۆھبەتتە بولدى. 

بۈگۈن گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ شەھىرىدىكى «گوللاندىيە پارلامېنت» بىناسى ئالدىدا ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا گوللاندىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى» گوللاندىيە تايانچ تەشكىلاتى ۋە «شەرقىي تۈركىستان فوندى» بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلدى. مەزكۇر فوندى جەمئىيەت ۋە پارتىيە ئەزاسى ئېرشات ئىبراھىم ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: « خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى جىنايەتلىرى يېقىنقى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم تولۇق دەلىللەر بىلەن دۇنياغا ئىسپاتلاندى، ئەمما ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمغان ئاساستا ۋەتىنىمىزنى «زىيارەت» قىلدى. بىز ۋەتىنىمىزدە چارىسىز، ئاۋازسىز قالغان مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇش، خىتاينىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى زۇلۇمىدا ئىڭراۋاتقان، ئازاب چېكىۋاتقان شۇ خەلقىمىزنىڭ جېنى ۋە قېنى بەدىلىگە ئېرىشكەن سىياسىي پاناھلىقلىرىمىزنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش نىيىتىدە بۇ نامايىشقا ئاۋاز قوشتۇق! مەقسىتىمىز، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش.»

نامايىشقا دەنخاگ ۋە ئەتراپىدىن بولۇپ 30 غا يېقىن كىشى كېلىپ قاتناشتى. نامايىشقا تىزىلغان لوزۇنكا، رەسىملەر، تەشۋىقات ۋاراقلىرى يەرلىك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقاندىن سىرت، بەزىلىرى نامايىشچىلارغا قوشۇلۇپ: «خىتاي دىكتاتور! خىتاي تېررورىست! خىتاي فاشىست! » دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مىشەل باچېلېت ئۆزىنىڭ داۋاملىق تۈردە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى خالىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

دۈ ئىيۇن 13 , 2022
مىشەل باچېلېت ئۆزىنىڭ داۋاملىق تۈردە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى خالىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

You May Like