ئەلفىدار ئىلتەبىر(ئابلىكىم)ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى

ئەلفىدار ئىلتەبىر(ئابلىكىم)ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى

 ئەلفىدار ئىلتەبىر(ئابلىكىم)ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 23-ماي

160 گە يېقىن ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى 21-ماي كۈنى فاير فاكس ماررىئوت مېھمانخانىسىغا جەم بولۇپ،يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسنى سايلاپ چىقتى.

شەرقى تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن باشلانغان مۇراسىمدا ئالدى بىلەن ئامېرىكا ‍ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ قۇززات ئالتاي رەئىسلىكى مەزگىلدىكى خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىلدى.

قۇززات ئالتاي مەزگىلىدە ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش ۋە توختىتىشنى مەقسەت قىلغان لوببيچىلىق، دۆلەت مەجلىسى پائالىيىتى، جامائەتنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە تەشكىللەش، تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە سەھنە بېرىش قاتارلىق خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. جامائەت ۋەكىللىرى قۇززات ئالتاينىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئۇنىڭ قوشۇلماسلىىقىغا قارىماي  ھۆرمەت تونى كەيگۈزدى.

قۇززات ئالتاي خوشلىشىش سۆزى قىلدى، ئۇ سەھنىگە چىققاندا كىشىلەر ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنى قوللىغان قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ داۋاملىق شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە  ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ يەنە جامائەتنى يېڭى رەئىس ئەلفىدار خانىمنىڭ خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاشقا چاقىردى.

ئارقىدىن يېڭى نۆۋەتلىك سايلام كومىتېتى يېڭى سايلام قائىدىلىرىنى تونۇشتۇردى، يېڭى رەئىسلىككە ئۆزىنى كۆرسەتكەنلەردىن نامزات پەقەت ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىملا بولغاچقا، سايلام بېلىتىگە قوشۇلىمەن ياكى قوشۇلمايمەن دېيىش تەلەپ قىلىندى.

قوشۇلغان بىلەت 156،ياق دېگەن بىلەت 2، بەلگە سېلىشنى ئۇنتۇغانلىقى ئۈچۈن ئىناۋەتسىز قىلىنغان بىلەت 2 بولۇپ،ئەلفىدار خانىمنىڭ رەئىسلىكى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن بېكىتىلدى.ئەلفىدار خانىم قۇرئان تۇتۇپ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.ئۇ قەسەم بېرىپ: « ۋەتىنىم ۋە مىللىتىمنىڭ مەنپەئەتىنى ھاياتىمدىن ۋە باشقا بارلىق نەرسىلەردىن يۇقىرى تۇتىدىغانلىقىمغا شەرىپىم بىلەن قەسەم بېرىمەن» دېدى.
ئەلفىدار خانىمنىڭ يېڭى ھەيئەت ئەزالىرىدىن مۇنەۋۋەر ئابدۇللا «ئاممىۋى ھېمايىچىلىق دىرېكتورى»،ئابدۇغېنى مۇسا «مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى»، مىسران دولان «كەسپى ئالاقە دىرېكتورى»، قۇددۇس ئىمام «ھەرىكەت يېتەكچىسى»  قاتارلىقلار سەھنىدە ئالقىش ئىچىدە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

پائالىيەتكە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرلىكتە، مىللەت ۋە  جامائەت ئەربابلىرىدىن رابىيە قادىر، دولقۇن قەمبىرى، ئۆمەر قانات، زۇبەيرە شەمسدىن، ئابدۇراھمان ئابلىمىت،  شۆھرەت ھوشۇر، ئەلنىگار ئىلتەبىر، نۇرى مۇسابايوف،  سۈرەىيە خانىم،  قەيسەر سېىيت،  غەيرەت سابىت، خەمىت كەرىم،  ئابلىكىم پەرھات بىلگىن، ئادىل سىيتوف، مۇرات ئاتامان، ئىلزات،  قاتارلىق مىھمانلار قاتناشتى.


ئۇيغۇر زىيالىيسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان -ئەلفىدار خانىمنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانلىقى ھەققىدە  تەبرىكلەش سۆزى قىلدى. ئەلفىدار خانىمنىڭ سايلانغانلىقى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەسىدىكى پىداكارلىقى ۋە رەھبەرلىك لاياقىتى ۋە سالاھىيىتىنىڭ  ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم قەدەم بېسلغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى،ئەلفىدار خانىم ئالدىدىكى مۇھىم ئىككى ۋەزىپىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە  ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەت داۋاسىدا مۇستەقىللىق ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئىككى مۈشكۈل سەپەر بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازا لاگېرىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

سە ماي 24 , 2022
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازا لاگېرىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

You May Like