ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەت كۈنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «مۇستەقىللىق ئىرادىسى»نى نامايان قىلدى.

12- نويابىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيتىنى قۇرغان ۋە دۇنياغا جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى «مۇستەقىللىق ئىرادىسى» نى نامايان قىلدى.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، ئۇيغۇرىئان

 

ۋاشنگىتون، 13- نويابىر

 

12- نويابىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيتىنى قۇرغان ۋە دۇنياغا جاكارلىغان ئىدى.

 

2020- يىلى 12- نويابىر كۈنى (پەيشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائ‍ىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ۋاشنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيتى بايرىقىنى چقىرىش مۇراسمى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى خىتايلارنىڭ كۆز ئالدىدا جەۋلان قىلدى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسى ۋە روھىنى قايتا جاكارلىدى.

 

 

قاتتىق يامغۇرغا قارىماي ياشلار ۋە چوڭلار بىردەك دەل ۋاقتىدا كېلىپ، تەقەززالىق بىلەن شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيتى بايرىقىنىڭ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قېتىملىق بايراق چىقىرىش مۇراسىمى خاتىرىلەش پائالىيتىگە قاتناشتى .

 

مۇراسىمدا ئۇيغۇر ياشلىرى شەرقىي تۈركستان مىللىي ئارمىيسنىڭ ھەربىي فورمسنى كېيىپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، بايراق چىقاردى.

 

پائالىيەتكە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى كاتىپى ئەلفىدار ئابلىكىم ئىلتەبىر رىياسەتچىلىك قىلدى. 

 

بىز ئانالىز قىلىش ئارقىلىق سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممسنىڭ ئورتاق ھالدا تۆۋەندىكى مۇھىم ئۇچۇرنى بەرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز:

 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمسنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي: «بىز بۈگۈن خىتايغا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق روھىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا بىلەن ھەمكارلىشپ خىتاينىڭ ئوبرازى، ئىقتىسادى جان – تومۇرىغا زەربە بېرىش ئىرادىمىزنى جاكارلايمىز، بىز مۇقەددەس داۋا يولىدا ھەر قانداق قىينچىقلارغا قارىماستىن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.» دېدى.

 

 

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كۈنىنى خاتىرىلەپ تۇرۇپتۇق. ئ‍ۇيغۇرلار چوقۇم مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشەلەيدۇ.» دەپ خىتاپ قىلدى.

 

ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشدىن ئۆمەر قانات ئەپەندى: «بىز چوقۇم  ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەيمىز، روھىنى قورۇندۇرمايمىز. بىز چوقۇم مۇستەقىللىققە ئېرىشەلەيمىز.» دېدى.

 

 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تىرىك شاھىتلىرىدىن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى جۇمھۇرىيەت تارىخىدىن سۆزلىدى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدلىرىنى  بايان قىلدى.

 

ئامېرىكا ئ‍ۇيغۇر بىرلەشمىسدىن ماكىس: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ۆز ۋەتىنىدە ھۆر ۋە ئەركىن ھالدا، غورۇر، ئ‍شەنچ، ھۆرمەت بىلەن ياشاش ھەققى بار. مەن بۇ يولدا سلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىمدىن  پەخىرلنىمەن.» دېدى.

 

 

مۇستەقىل پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان: «ئۇيغۇرلار تاكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بېسۋالغانغا قەدەر، ئۆز دۆلىتىدە  مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن ۋە كەلگۇسدە چوقۇم شۇنداق ياشايدۇ. بىز ئ‍شنىمىزكى ختتاي ھامان مەغلۇپ بولىدۇ.» دەپ خىتاپ قىلدى.

 

مەلۇم شەرقىي تۈركستان سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلەر ۋەكىلىدىن  ئىليار شەمىسىدىن: «مۇستەقىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر تاللىشى.» دېدى.

 

پائالىيەتكە شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى ئەزالىرىمۇ قاتنىشىپ كۈچ قوشتى.

 

 

يارقىن نۇقتىلاردىن بىرى شۇكى، ئۇيغۇر قىزى مەلىكە (ۋېرگىنىيە ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىسى) جاراڭلىق ۋە چۈچۈك تىلى بىلەن شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيەت مارشىنى دېكلاماتسيە قىلىپ، كۆپچىلىكنى خۇرسەن قىلدى.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى

جۈ نويابىر 13 , 2020
12- نويابىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىلمۇ - خىل ئۇسۇللار بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى قۇتلۇقلىدى. نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ دەرىزىللىرىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلدى. بالىلار بايراملىق كىيىملىرىنى كېيىپ، ئىستىقلال مارشىنى ئېيتتى

You May Like