كېينكى يىللاردا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ مىسلىسىز كۈچىيىشى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئالاقسىنىڭ ئۈزۈۋىتىلىشى تۈپەيلى، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ سانى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆلەملەشتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چېچىلغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقانلار خېلىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلىمەكتە.

تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇيغۇر ياش قەلەمكەشلەر جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ قوللىشى، ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن 14- نويابىر تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبول شۆبىسىدە شەرقىي تۈركىستان شېئىر كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

29-دېكابىر ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا چەتئەلدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك«خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى. بۇ ۋەخپە ھازىرغىچە ئۇيغۇر تېبابىتى بۇيىچە بەش قارار ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقان ئىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىلى ۋە 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 34-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى شەنبە سائەت 13:00 تىن 17:00 غىچە ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە نەزەر» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

19- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى، گوللاندىيە دەنھاخ شەھرىدە شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىك پۇتبۇل كوماندىسى تۇنجى قىتىم خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، غەربى پاپۇا كوماندىسى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق تۇنجى قىتىم ۋەتىنىمىز كوماندىسىغا مىسال بولۇپ پۇتبۇل مەيدانىدا جەۋلان قىلىدۇ، ئەزىمەتلەر تۇنجى قىتىم ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن پۇتبۇل ئوينايدۇ، يىشىل مەيداندا تۇنجى قىتىم شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئالقىشلار ياڭرايدۇ، « ھۇررا» ساداسى گۈلدۈرلەيدۇ! بۇ دەقىقىلەر ئىنتىزار بولۇشقا لايىق، بۇ مىنۇتلار ئىپتىخارلىنىشقا ھەقلىق!

2019-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى(يەكشەنبە) ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك تاماملاندى. بۇ قىتىملىق يىغىنغا فارابىي تەلىم -تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى ساھىپخانلىق قىلغان بولۇپ

گوللاندىيەدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر رادىئو-تېلېۋىزىيىسى»، «پىدائىيلار ئېكرانى» ۋە «قېرىنداشلىق ستۇدىيىسى» قاتارلىق ئۈچ تاراتقۇ ئۇيغۇر تەشۋىقاتچىلىقىدا تېخىمۇ ئىتىىپاقلىشىپ ئىلگىرلەش، تىخىمۇ كۈچلىنىشنى مەقسەد قىلىپ ئۇيغۇر تەشۋىقات پىروگرامچىلىقىدا ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى.

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «ھىرا»دىگەن ئىسىم تىلغا ئېلىنسا لوقمانجاننى ئەسكە ئالىدۇ. شۇنداق، لوقمانجان كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك ئىشلارنى قىلغان، قىلىۋاتقان بىر ياش. لوقمانجان ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان كارۋان ئارىسىدىكى ياشقا ئەڭ چوڭ 77 ياشلىق ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئوغلى. يىگىت دادىدىن يىگىت ئوغلان چىقىدۇ.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان يۈز كەرە يۈز پىروگىراممىسىنىڭ مەسئۇلى قۇززات ئالتاي ئەپەندىم ئىككى ھەپتىلىك ياۋرۇپا زىيارىتىدە بولىدۇ. ياۋرۇپانىڭ لوندۇن، مېيىنخۈن ، فىرانكىپورت، كۆلۈن، ئۈدرك قاتارلىق بىر قانچە شەھىردە ئايرىم -ئايرىم لېكسيە سۆزلەيدۇ

ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدىكى (Eid) ھىيىت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تۇنۇشتۇردى.

خانىم- قىزلار فەستىۋالغا قاتناشقان بارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر ۋە يەرلىك خەلقلەر ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭگارەڭ مىللىي كىيىم- كىچەكلىرى، ھەر خىل گۈللۈك دوپپىلىر ئالاھىدە

6-ئاينىڭ 15ـ كۈنى گېرمانىيەنىڭ مېيۇنخىن شەھىرىدە ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ساھىپخانىلىق قىلىشى بىلەن «ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى»تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى.

بۇ جەمىئەتنى ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان مۇنەۋەر ياشلىرىمىزدىن مۇنەۋەر ئابدۇللا، زۇلپىقار ئابلىكىم ۋە نۇرئايدىن قاتارلىقلار قۇرغان بولۇپ، ياشلىرىمىزغا ئۇيغۇر مەدىنىيتىنى ئۆگىتىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە قىزىققان چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تۇنۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن

2019-يىلى 9-ئاينىڭ 7- ۋە 8-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن.

2019- يىلى 5- ئاينىڭ 10 –كۈنى ئۇلۇغ جۈمە كۈنى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن مۇبارەك بىر كۈن بولدى. گوللاندىيەگە جايلاشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى 6 يىلدىن بىرى بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئاخىرى خىزمەت بىناسى سېتىۋالدى. بۇ ئىشخانا بىناسى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار تىگىدىن سىتىۋالغان تۇنجى ئىشخانا بىناسى بولسا كىرەك.

ۋەتىنىمىزدە خىتتاي زالىملىرى ئۇيغۇر تۈركى پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر تۈركچىسىدىكى كىتاب-ماتىرىياللار يوقىتىلىۋاتقان، ھەتتا ئۇيغۇر تۈركچىسىدە سۆزلەشكىمۇ يول قويۇلمايۋاتقان،