ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-يىلى 14-نويابىر
يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىلى ۋە 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 34-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى شەنبە سائەت 13:00 تىن 17:00 غىچە ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە نەزەر» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
يىغىندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتاتغۇبىلىككە ئالاقىدار دوكلاتلار سۇنۇلۇش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتە ئانا تىل مائارىپى بىلەن ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ مۇھىملىقى ۋە 1985-يىلى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ جەريانى، تارىخى ئەھمىيىتى ھەم نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئالاقىدار مۇھىم تېمىلاردا لىكسىيەلەر سۆزلىنىدۇ.
ۋاقتى يار بەرگەن ۋە كېلىش ئىمكانى بولغان ئامېرىكىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يىغىنىمىزغا ئىشتىراك قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.
يىغىن ئورنى: (46105 Loudoun Park Ln, Sterling, VA 20164)
– ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى