سەيياھلار ئىزىدىن ناملىق كىتابنى تارقىتىش مۇراسىمى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

سەيياھلار ئىزىدىن ناملىق كىتابنى تارقىتىش مۇراسىمى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 2- نويابىر

ئامىنە سەدەف

زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم قەلەمگە ئالغان، «ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى» تەرىپىدىن يېقىندا نەشردىن چىققان « سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابنىڭ تارقىتىش مۇراسىمى 10-ئاينىڭ 30- كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا ئېلىپ بېرىلدى.

پائالىيەتكە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناس شىۋېتلار، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ۋە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. شىۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتە ئۇيغۇرشۇناس پاترېك ئەپەندى ۋە مارگاتىنا خانىم شۇنداقلا ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن راھىلە كامال قاتارلىقلار كىتاب ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى ۋە زۇلھايات خانىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىي ھاياتىغا ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى .

پائالىيەتتە يەنە ئاپتور زۇلھايات خانىم كىتابنىڭ يېزىلىش جەريانى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق كىتاب زۇلھايات خانىمنىڭ يېقىنقى 10 يىللىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا يېزىلغان ئىلمىي ئەمگەك خاتىرىسى بولۇپ، كىتابتا شىۋېتسىيە بىلەن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئارىسىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىم يىلدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك مەدەنىيەت ئالاقە ۋە تەكشۈرۈش، تەتقىقات نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلغان . 

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم شۇ كۈندىكى پائالىيەت ۋە  كىتاب ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى :« خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى ئۈزۈل -كېسىل يوقاپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن پائالىيەتكە نۇرغۇن دوستلار كېلىپ قاتناشتى ۋە مېنى تەبرىكلىدى . مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم ۋە ئىلھام ئالدىم. شىۋېتسىيەدەك بىلىم ۋە بىلىملىك ئىنسانلار قەدىرلىنىدىغان بىر دۆلەتتە، ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىم بىلەن بىللە ياشىغىنىمدىن پەخىرلەندىم ۋە ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلدىم. كىتابىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكىدەك روھى چۈشكۈن ھاياتىغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بولۇشىنى، ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشىنى ۋە مۇستەقىللىققا بولغان ئۈمىدىنى قايتا تىكلىشىگە ياردىمى بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلمەن شۇنداقلا قېرىنداشلىرىمنى يۈز يىل ئالدىدىكى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئەجنەبىيلەرنىڭ خاتىرىلىرىدىن ئۇقۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە باھا بېرىپ بېقىشىمىزنى، بىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىمىزنىڭ شەكىللىنىشىگە نېمىلەرنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئامىللارنى مۇلاھىزە قىلىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلمەن. »

ئاخىرىدا پائالىيەتكە قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كىتاب ئاپتورى زۇلھايات خانىمغا تون كىيدۈردى ۋە گۈلدەستىلەرنى سوۋغا قىلدى .  قاتناشقۇچىلار ئاپتورنىڭ ئىمزاسى بىلەن بەس-بەستە كىتابلارنى سېتىۋالدى. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ تۈركچە شېئىرلار توپلىمىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

سە نويابىر 2 , 2021
شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ تۈركچە شېئىرلار توپلىمىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

You May Like