ئەنگىلىيە ئىتون ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر كىرىزىسى

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئىنسىتىتۇتلارنىڭ بىرى بولغان، 1441- يىلى خان جەمەتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەنگىلىيە ئىتون ئىنىستىتۇتى Eton College ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەتىنىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى لىكىسيە سۆزلەش مەن ئۈچۈن تولىمۇ شەرەپلىك بىر ئىش بولدى.

 

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 

 

2019-11-8 

 

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق  ئىنسىتىتۇتلارنىڭ بىرى بولغان، 1441- يىلى خان جەمەتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان  ئەنگىلىيە ئىتون  ئىنىستىتۇتى Eton College ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەتىنىمىزنىڭ  نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى لىكىسيە سۆزلەش  مەن ئۈچۈن تولىمۇ شەرەپلىك  بىر ئىش بولدى.  

 

  ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتايلارنىڭ  شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان « قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرى»نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى،  لاگىرلارغا قامالغان ئۇيغۇر قازاق، قىرغىز بولۇپ ئۈچ مىلىيۇندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ 2017- يىلىدىن بىرى لاگىرلاغا قامالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتۈم .

 

مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزۈم ئۆتكەن يىلى ئىشلىگەن 20 مىنۇتلۇق  ھۆججەتلىك فىلىم « جاۋابسىز قالغان تىلىفۇن» نى قويۇپ بەرگەندىن كىيىن،  ئۇلارغا مۇنداق دېدىم :«   مەن ئىتون ئىنىستىتۇتىنىڭ  شۆھرىتىنى ئاڭلىغىلى نۇرغۇن يىللار بولدى.  مانا بۈگۈن مەن چارىسىز، ئاۋازسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىجاسىنى سۆزلەشكە پۇرسەت بولۇپتۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارغا، ئىنسانىيلىققا كۆڭۈل  بۆلىدىغان، ئادالەتتە مۇستەھكەم تۇرىدىغان  جاسارەتلىك ۋە ۋىجدانلىق ئىتون ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن سۆيىنىمەن.  مەن يەنە كاتتا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ  بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى  بىلدىم.  مەسىلەن، سابىق باش مىنىستىر  دەۋىد كامىرون ۋە  نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر بورىن جونسون  قاتارلىقلار.   

 

 

دىمەكچى بولغۇنۇم،  بۇ مەكتەپتىن نۇرغۇنۇڭلار كەلگۈسىدە  باش مىنىستىر ۋە سىياسىيون بولۇشۇڭلار مۇمكىن.    كەلگۈسىدە نەقەدەر كۈچلۈك ئادەم بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر،  مەن بۈگۈن ئىيىتقان سۆزلەرنى ئۇنۇتماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!    ئەگەر بۇ  دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىزىسىنى ھەل قىلمايدىكەن،  بۇ ئىنسانىيەت  ۋىجدانىغا چۈشكەن داغ بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلۋەتتە  دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتكە ئوخشاش ياشاش ھوقۇقى بار،  ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىڭ،  خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا قارشى  تىك تۇرۇڭ!».

 

 

 

«جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئېرىشكەن شەرەپلەر

 

https://www.youtube.com/watch?v=6zBTbL3QAQ4&feature=youtu.be

 

كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2018-يىلى ئىشلىگەن، زۇلىمەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى تراگېدىيىلىك قىسمىتى روشەن يورۇتۇلغان «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بەدئىي ھۆججەتلىك فىلىم بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تۆۋەندىكى خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋاللىرىغا تاللاندى ۋە قويۇلدى:

. ‎ئاۋىسترالىيىنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە 2019 -يىلى7- سېتەبىردىن 14- سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك «مۇسۇلمانلار فىلىم فېستىۋالى» (Melbourne «Muslim Film Festival 2019» ) دا رەسمىي قويۇلدى.

. ئىتالىيەنىڭ روم شەھىرىدە 2019-يىلى 28- دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان «2019- يىللىق دۇنيا قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم»
 (X World Film Festival 2019 Rome) فېستىۋالىغا شەرەپ بىلەن تاللاندى. مەزكۇر فىلىم 2019-يىلى 28-29- دېكابىر كۈنلىرى Teatro degli Eroi di Roma تېياتېرىدا قويۇلىدۇ.

 

. مەزكۇر فىلىم يېقىندا ئامېركىنىڭ ئورېگون شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئورېگون 2019-يىللىق قىش پەسىللىك ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى» غا دۇنيا بويىچە 51 فىلىم قاتارىدا تاللىنىپ، 3-ئورۇنغا تىزىلدى. فىلىم 9-دېكابىر كۈنى پورتلاند شەھرىدىكى Avalon Theatre تېياتېرىدا قويۇلىدۇ.
ئۇشبۇ فىلىم بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ۋوشىڭتون، لوندون، سېدنېي، مېيۇنخېن، ئۇترىخ، بېشكېك، ئالمۇتا قاتارلىق شەھەرلەردە مەخسۇس قويۇلدى. فىلىمنىڭ ئۆرنەك كۆرۈنىشى:https://youtu.be/6zBTbL3QAQ4
«جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بۇ فىلىم كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن يازغان شۇ ناملىق راست ئىشلار خاتىرسىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن. مەزكۈر فىلىمنىڭ ھېكايىسى 34 خىل دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇيغۇرچىسى: www.azizisa.org/jawapsiz_qalghan_telefon/

 

ئېنگىلىزچىسى:
www.azizisa.org/en/an-unanswered-telephone-call/

 

مەزكۇر «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بەدئىي ھۆججەتلىك فىلىم ئاۋازسىز قالغان خەلقىمىزنىڭ نىداسى بولغان، ئىشغالىيەتچى خىتاي ئىستىبدات ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارتىۋاتقان ئىنسانلىققا يات دەرد – ئەلەملىرى، جۈملىدىن ئاۋازى بوغۇلغان سان – ساناقسىز بىگۇناھ ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ چەككەن ئاھۇ – پىغانلىرى ئىنسانلىق مەۋقەسىدىن بايان قىلىنغان مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى غەرب ئەللىرى خەلقلىرىگە كۆرسىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋىژدانىنى، ئادىمىيلىك يۈرەك تارلىرىنى ئىنسانلىقنىڭ تارازىغا سېلىشقا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيادىن ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقان كۈرىشى ئۇچۇن ھېسداشلىقىنى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۆزنىڭ بىر ئۆلۈشلۇك ھەسسىسىنى قوشقۇسى.

 

شۇنى سەمىمىيەت ۋە مەمنۇنىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئېيتالايمىزنكى، بىر شەخىسنىڭ تېنىمسىز مېھنىتى بەدىلىگە يارىتىلغان ئۇشبۇ مۇۋاپىقيەتلەر ئەڭ ئاۋۋال سۆيۈملۈك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىززىتى ۋە شەرپىدۇر. مەن، كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۇ دەقىقىلەردە قەلبىمدىكى قايغۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن بۇ خوش – خەۋەرنى ئىپتىخارلىنىپ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىم بىلەن ئوتاقلاشماقتىمەن. ئەزىز خەلقىمنى بۇ ئۇتۇقلار بىلەن چىن يۈرىكىمدىن تەبرىكلەيمەن! ئەلۋەتتە، مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىگە ھەر تەرەپلەردىن ياردەمدە بولغان دوستلىرىمغا، ۋەتەنداشلىرىمغا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

 

ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن،
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
2019- يىلى 13-نويابىر، لوندون.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئوتتۇرا ياۋروپادىكى ئەڭ قەدىمىي ئۇنۋېرسىتېت خىتاي تەتقىقات مەركىزىنى تاقىدى

چا نويابىر 13 , 2019
چېخ بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بۇلتۇردىن باشلاپ ناچارلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ھالەت تېخىمۇ ناچارلاشتى. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت چېخ سىياسەت ساھەسىدە ئۆزلۈكسىز مۇنازىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولۇپ كەلدى. بۇ تالاش تارتىشنىڭ ئەڭ يېڭى باش پېرسوناژى بولسا ئوتتورا ياۋروپادىكى ئەڭ قەدىمىي ئۇنۋېرسىتېت- چېخ چارلېس ئۇنىۋېرسىتى (Charles University).

You May Like