«ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىزلىرى» ئىلمىي سۆھبەت يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

يېتىلىۋاتقان ياش شائىر ئىمران سادائىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ، تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن « ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىزلىرى» ناملىق سۆھبەت يىغىنى تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسىدە ئېلىپ بېرىلدى .

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 8- ئىيۇل

ئامىنە ۋايىت/ سەدەف
 
يېتىلىۋاتقان ياش شائىر ئىمران سادائىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ، تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن « ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىزلىرى» ناملىق سۆھبەت يىغىنى تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسىدە ئېلىپ بېرىلدى .

تەخمىنەن 2 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ سۆھبەتتە مەرھۇمنىڭ قىزى زۇلھايات خانىم ۋە مەھمۇتجان ياسىن ئەپەندىلەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەرھۇمنىڭ ھاياتى  ۋە بىر قىسىم ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇھاكىمىلەرنى قىلىپ ئۆتتى شۇنداقلا ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىش تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى بەردى . سۆھبەت ئارىلىقىدا شائىر ئىمران سادائى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بىر قانچە ۋەكىل خاراكتېرلىك شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى

ياش سەنئەتكار شۆھرەت نۇر ئەپەندىم راۋاپ بىلەن تاشۋاي، يارۇ، ئراق مۇقامى3.داستان ۋە مەرغۇل، مەكىت ئوۋچى مەشرىپى، ساتار بىلەن نىخاۋەنت مۇقامى مىنىمىنى پەشرۇ قاتارلىق نادىر ئەنئەنىۋى مىللى مۇزىكىلارنى ئورۇنلاپ،سورۇن كەيپىياتىنى كۈچلۈك مىللى سەنئەت پۇرىقىغا چۆمدۈردى.

سۆھبەت ئاخىرىدا مەرھۇمنىڭ « ئىز» ،«ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق  ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ۋە شېئىرلار توپلىمى قىزى زۇلھايات خانىمنىڭ ئىمزاسى بىلەن سېتىلدى .

 

Uyghur Reporter

Next Post

خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا مېركېلنىڭ ئىشىكى يەنىلا ئوچۇق

يە ئىيۇل 18 , 2021
باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق سۆھبەتتە ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن دوستانىلىك دەرسىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېننى بىئارام قىلىدۇ ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇ، بېيجىڭغا قارشى ياۋروپا بىلەن ئىتتىپاقداشلىقنى خالايدۇ.

You May Like