ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر يۈسۈپجان پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسى ئوتتۇرا شەرققە مەركەزلەشكەن پەيتتە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمېر پۇتىن 17-ئۆكتەبىر دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، پۇتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن […]

ئەھمەتجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى17-ئۆكتەبىر يېقىندا ئۇيغۇر ھوقۇق تەتقىقاتچىلىقى ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىم ئادرىيان زەنز يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەشتىن چىققان ئۇيغۇرلارنى ئۇدۇل زاۋۇتلارغا ئاپىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان پروگراممىسىنى ئاشكارىلىغان. ئادرىيان زىنزنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خىتاي مەزكۇر پروگرامما ئارقىلىق ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ۋە قارشىلىقنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت كۆپ […]

يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى13-ئۆكتەبىر ئامېرىكا مېدىئالىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغان. خەۋەر قىلىنىشىچە مەزكۇر ھۇجۇمچىنىڭ ئىسمى ياڭ جەنيۇەن بولۇپ يۇرتى شەندۇڭلۇق ئىكەن. ساقچىلار ياڭ نىڭ تۇرالغۇسىدىن سىياسىي سۇيىقەستكە ئائىت كىتاب ماتېرىياللار، بىر دانە يالغان تاپانچا، پىچاق قاتارلىق نەرسىلەرنى بايقىغان. سان فىرانسىسكو […]

يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 13-ئۆكتەبىر «فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ بىر خادىمى بېيجىڭدا نامەلۇم كىشى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان. ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە مەزكۇر كىشى نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاي تەرەپ بۇ ھۇجۇم ھەققىدە تەپسىلاتلارنى تېخى ئاشكارىلىمىغان.

مەھمۇتجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 9-ئۆكتەبىر 7-ئۆكتەبىر سوسيال مېدىيادا تارقالغان ۋىدىئوغا ئاساسلانغاندا، تونۇلغان ئۇيغۇر گىتارچى، ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدا ياشاۋاتقان گىتارچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ بېيجىڭ ئايرۇدۇرمىدا باشقىلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى تارقالدى. ئەركىن ئابدۇللا ئەينى چاغدا ۋەتەندە ئۇيغۇرلار بېشىغا ئىلىپ كۆتۈرگەن ئۇيغۇر سەنئەتكار بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرى، قېرىنداشلىرى قولغا ئېلىنغاندىمۇ، […]

ئابدۇۋەلى ئايۇپ 3-ئۆكتەبىر كۈنى يۇتۇپتا ۋە تۈركىيەدىكى بىر تېلۋىزىيە قانالىدا «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن بىر فىلىم قويۇلدى. فىلىمدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يوق، بۇ غەرپنىڭ ئويۇنى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى غەرپ قۇرۇپ چىققان. غەرپتىكى ئۇيغۇر داۋاگەرلەر ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى سېتىپ پۇل تاپىدۇ. ئامېرىكا خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. غەرپلىكلەر ئۇيغۇرلارنى كوزۇر قىلىپ خىتاينى جازالاۋاتىدۇ» دېگەن پىكىرلەر […]

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تونۇلغان ئ‍ۇيغۇر سياسى پائالىيەتچى سالىھ خۇدايار 8-ئۆكتەبىر تېۋىتتردا ئىنگىلىزچە بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى: «بەزى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق ھالدا، مەن ختاي ۋە ئىراننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن خاماسنىڭ غالجىرلىقىغا قارشى ئ‍سرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىمەن. ختاي پەلەستىننى قوللاۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقى تۈركستاننى بېسۋىلىشنى، رەھمسزلەرچە قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. باشقا نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئوخشاش، […]

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان داۋاسى سۈكۈتنى كۆتۈرەلەمدۇ؟مەمەت توختىئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلىشى ئىجرا دىرىكتورى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بىردىن بىر ھاماسنىڭ ئىسراىلگە قارىتا ئېلىپ بارغان بىر كۈنلۈك تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ۋە ئارقىدىنلا ئىسرائ‍ىلنىڭ غاززاغا قاراتقان قايتارما ھۇجۇمىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە مەركەزلەشتى.بۇ ھۇجۇمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئىسرائ‍ىلىيەنىڭ قايسى نۇقتىدا […]

يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى9-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۈگۈن سوتسىيال مېدىئا X تە 7-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسقا فىلىمنى چىقارغان ۋە ئاستىغا مۇنداق دەپ يازغان: « بېيجىڭدا تۇغۇلغان خىتاي-ئىسرائىلىيە پۇشتىدىن بولغان بۇ قىز تۈنۈگۈن گۆرۈگە ئېلىنىپ غەززا رايونىغا ئېلىپ كېتىلدى، بۇ كۆرۈنۈش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى […]

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى, 9-ئ‍ۆكتەبىر ۋول سچرىت ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ختتاي ئازاتلىق ئارمىيسى ۋە ئىراننىڭ قوللىشغا ئېرشكەن قوراللىق تەشكىلات خاماسنىڭ تاساددىپى ھۇجۇمى نەتىجىسدە 9 ئامېرىكا پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يەنە نەچچە ئامېرىكىلىق گۆرەگە ئىلىنغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رايوندا ئىران، روسيە، ختاي قوللاۋاتقان خاماس ۋە ھىزبۇللانىڭ، شۇنداقلا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى شئە قوراللىقلىرىنىڭ ئ‍سرائىلىيە ۋە […]

بۈگۈنكى ھىندستان تورى ۋە ئ‍سرائىلىيە پۇقرالىرى ئىلان قىلغان سوسيال مېدىيا رەسملىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە 160 دىن ئارتۇق ئ‍سرائىلىيە ۋە چەتئەل پۇقرالىرى -ختاي پۇل ۋە قورال بىلەن قوللاۋاتقان تىرورلۇق تەشكىلات خاماس تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە ئامېرىكىلىقلارمۇ بار ئىكەن. بىر قسم ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خاماس ئۆلتۈرگەن ئ‍سرائىلىيەلىكلەرنىڭ سانى 500 دىن ئاشقان […]

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 8-ئۆكتەبىر ئامېرىكا سابىق تاشقى ئ‍شلار منىستىرى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغۇچى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مايىك پومپىيو خاماسنىڭ ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ھۇجۇمى ھەققىدە بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى: «ئ‍سرائىلىيە -پەلەستىنلىكلەرنىڭ تىرور ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەن بۈگۈنكىدەك كۈندە، بىز شۇنى ناھايتى ئىنىق قىلىشمىز كىرەككى، ئامېرىكا ئ‍سرائىلىيە بىلەن بىر مەيداندا تۇرىدۇ. […]

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى ختاي ئ‍شلىرى ئىجرا كومېتىتى ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنى ئەڭ كۈچلۈك قوللاپ كەلگەن ماركۇ رۇبىئۇ مۇنداق دىدى: خاماسنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بىردىنبىر سەۋەبى: ئ‍سرائىلىيەنى زېمىندىن يوق قىلىشتۇر. شۇڭا ئ‍سرائىلىيەنىڭ ھاماسنىڭ تۈنۈگۈنكى ياۋايى ھۇجۇمىغا قارىتا بىردىنبىر تاللىشى-ھاماسنى مەڭگۈلۈك بېتچىت قىلىشتۇر. ئ‍سرائىلىيەنى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرمەسلىككە چاقىرغان ياكى ئۇرۇش توختىتشقا چاقىرغان […]

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 8-ئۆكتەبىر خاماس 7-ئۆكتەبىر ئ‍سرائىلىيەگە تۇيۇقسز ئۇرۇش ئىچىپ، بىر كۈن ئىچىدە نەچچە يۈزلىگەن ئ‍سرائىلىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى دۇنيادا كۈچلۈك تەسر قوزغىماقتا. ئامېرىكا يېڭى جىرسى شتاتى باشلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى پىرەزدىنتلىق نامزاتى كىرس كىرستى يەكشەنبە سەھەر فوكس خەۋەرلىرىگە بەرگەن زىيارەتتە مۇنداق دىدى: بىز ئامېرىكا ئىچكى زىددىيەت ئىچىدە تۇرغاندا، دۈشمەنلىرىمىز بولغان خاماس، ختاي، […]

يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىر خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ غەربى شىمال رايونلىرىدا 6.3 بال دەرىجىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن. 8-ئۆكتەبىر تالىبان ھۆكۈمىتى باياناتچىسى زەبىھۇللا مۇجاھىد ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات بېرىپ مەزكۇر ئاپەتتە 2053 نەپەر كىشىنىڭ قازا قىلىپ 1240 نەپەر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. […]

7-ئۆكتەبىر بۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى 7-ئۆكتەبىر شەنبە سەھەردە، تىرورلۇق تەشكىلات خاماس ئ‍سرائىلىيەگە قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇدىن ھۇجۇم قىلىپ،  يۈزلىگەن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشى، يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خاماس يەنە بالىلار ۋە ئاياللارنى ئەسرگە ئالغان بولۇپ، ئاياللارنى يالىڭاچلاپ، ماشنىدا سۆرەپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ماڭغان كۆرۈنۈش ياۋايىلىقتۇر ۋە ئ‍نسانىيلىققا خىلاپتۇر. يىللاردىن بىرى خاماس-ئىران، […]

تۇرسۇنجان،  ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 7-ئۆكتەبىر ياۋروپا ئېتتپاقى بىردەك قارار ماقۇللاپ، «ئەزەربەيجاننىڭ ناگورنا قارا باغدىكى ئېىتنىك ئەرمەنلەرگە قارشى ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ»،« ئەزەربەيجاننىڭ قىلمىشى-ئىتنىك تازىلاش » دەپ ئەيىپلىدى. 19-سىنتەبىر كۈنى ئەزەربەيجان ئارمىيسى قارا باغدىكى ئەرمەن بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قارشى ھەربى ھەرىكەت ئىلىپ بىرىپ،  بىر كۈن ئىچىدە رايوندىكى ئەرمەن ھەربى كۈچلىرىنى بويسۇندۇرغان.نەتىجىدە 100 مىڭدىن […]

ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىر خان مۇتتاقى 5-ئۆكتەبىر تىبەتنىڭ لىنجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان « ھىمالايا تېغىنى چۆرىدىگەن خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغان. سۆھبەتتە مۇتتاقى مۇنداق دېگەن: « ئافغانىستان تەرەپ […]

مۇھاجىرەتتە تۇڭگان بولۇش بىھاجەت. بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرەتتە دىنىمىزنىلا چىڭ تۇتۇپ، ئۆيىدە ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان مۇسۇلمان بالا تەربىيەلىسە، تۇڭگان تەربىيەلىگەنگە ئوخشاش بولىدۇ.بىزنىڭ بىرلا مىللىي كىملىكىمىز بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرلۇق، مۇھاجىرەتتە بىرلا ماكانىمىز بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر ئۆيىدۇر.مۇھاجىرەتتە بىر ئۇيغۇر ئۆيىمىز بولسا دەپ قىلىنغان تىرىشچانلىقلار كۆپ بولدى. بەزى دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئۆيى ئېلىش ئۈچۈن […]

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئىچكى ئ‍شلار منستىرى يەرلىكايا ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا، ئىچكى ئ‍شلار منسترلىكى بىناسى ئالدىدىكى پارتىلىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسنىڭ «تىرورلۇق ۋەقەسى»ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. سەھەر سائەت  9:00 لاردا، ئەنقەرەگە جايلاشقان ئىچكى ئ‍شلار منسترلىكى ئالدىدا ئىككى تىرورچىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمى مۇھاپىزەتچى ساقچىلار تەرىپىدىن بېتچىت قىلىنغان.بىر تېرورچى ئۆزىنى پارتىلاتقان، يەنە بىرى ساقچىلار تەرىپىدىن […]