يارۇق، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 20-سىنتەبىر ئىستانبۇل ج خ تارماقلىرى بۈگۈن، يەنى 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 ئەتراپىدا، ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە ناھىيەسى سافاكۆي رايۇنى فەۋزى چاقماق مەھەللىسدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئائىلە تۆت جاننى تۇتۇپ كەتكەن.نەخمەيدانغا شاھىت بولغان قوشنىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 30 ئەتراپىدا قارا كىيىم كىيگەن قوراللىق ساقچىلار بىناغا ناھايتى قوپال ۋە ھەيۋەت بىلەن بېسىپ […]

كانادانىڭ ۋەنكوۋېر شەھرىدە ياشاۋاتقان دوكتۇر ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم 2023-يىلى 18-سىنتەبىر ۋاپات بولدى. مەرھۇمە ھەكىمە خانىم مائارىپشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە تەربىيە كۆرگەن ۋە مائارىپى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇيغۇر مائارىپى تەرەققىياتى ھەققىدىمۇ ئىزدەنگەن. 1980-يىللاردا كروپاتكىننىڭ «قەشقەرىيە» دېگەن كىتابىنى ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان ۋە شۇ چاغدا بۇ كىتاب ۋەتەن ئىچىدە زور تەسىرگە ئېگە بولغان. […]

يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 17-سېنتەبىر بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال(2022-يىلى 10-سېنتەبىر) فىرانسىيەدىكى سولچى گۇرۇھلارنىڭ ئەڭ چوڭ يىغىلىشى بولغان «ئىنسانىيەت فېستىۋالى»غا خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يېشىللار پارتىيەسى ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئونلىغان پارلامېنت ئەزالىرى، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىرلىشىپ خىتاي كونسۇلىنىڭ چېدىرى ئالدىدا ئۇدا ئىككى كۈن قارشىلىق نامايىشى […]

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-سىنتەبىر يېقىندا، دۇنيادىكى ئەڭ باي شەخس ئىلان ماسك (Elon Musk) ھەققىدە ۋالتىر (Walter Isaacson’) تەرىپىدىن يېزىلغان كىتاپ زور غۇلغۇلا قوزغىدى، مەزكۇر كىتابتا ئىلان ماسكنىڭ خاراكتىرى كىشلەر بىلمەيدىغان نۇرغۇن ۋەقەلەر ئارقىلىق ئېچىپ بىرىلگەن. كىتابتا يەنە ئىلان ماسك ئەركىن مېدىيا (The Free Press’ )نىڭ مۇخبىرى بارس (Bari Weiss)قا مۇنداق […]

مەرغۇبە ،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 14-سىنتەبىر دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى بۈگۈن ئىلان قىلغان تېزىملىكتە، ياپونىيە پارلامنىتىنىڭ  ئۇيغۇر ئايال ئەزاسى ئارفىيە ئەرىنى 2023-يىللىق كىينكى ئەۋلات 100 مەشھۇر (2023 TIME100 Next)مەشھۇر شەخس قاتارىغا تېزىلدى. ئارفىيەنى تونۇشتۇرۇپ يېزىلغان ماقالىدە ئۇنىڭ ياپونيەدەك،كۆپىنچە ئەرلەر تەرىپىدىن كونتىرۇل قىلىنىدىغان سياسى سەھنىدە بىر ئايال بولۇشى، ئۇيغۇر -ئۆزبەك پەرزەنتى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىنگىلىزچە، […]

ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 14-سېنتەبىر ئۆز خەۋىرىمىز، 10-سېنتەبىر گوللاندىيە «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «تەھدىت ئاستىدا قالغان مەۋجۇتلۇقىمىز» تېمىسىدىكى سۆھبەت پائالىيىتى ئۈرتېخېت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئاۋسترالىيەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىم سىن ئارقىلىق « مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى نەدە؟» دېگەن تېمىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن […]

تۇرسۇنجان، 13-سىنتەبىر ختاي خەلق جۇمھۇرىيتى 13-سىنتەبىر تالىبان ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئافغانستان پايتەختى كابۇلغا باش ئەلچى تەيىنلىدى. باش ئەلچى جاۋ شىڭ كابۇلغا كەلگەندىن كىين،تالبان ئارمىيسى مەخسۇس ھەربى مۇراسم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى،بۇ ختاينىڭ تالىباننى دۇنيادا خەلقئارا دىپلوماتىيە قائىدىسدە باش ئەلچىنى ھەربى مۇراسم بىلەن كۈتۈۋىلىش ئاز ئ‍ۇچرايدۇ.ئادەتتە پىرەزدىنت ياكى باش منستىر، دىپلوماتىيە منستىرى قاتارلىقلار  زىيارەت قىلغاندا، […]

تۈركىيەدىكى ئەڭ پشقەدەم ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن بىرى، ئۇزۇندىن بىرى تۈركىيەدە ياشاپ، سياسى پائالىيەت ۋە جامائەت ئ‍شلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن ئۇيغۇر -ئەمرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى `12-سىنتەبىر يۈرەك كېسلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئەمرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى 1955-يىلى ئۇيغۇرستاننىڭ يەكەن ناھىيسدە تۇغۇلغان ، 1965-يىلى 10 يېشدا ئاۋال ئافغانستان ئاندىن تۈركيەگە كۆچۈپ كەلگەن.  مەرھۇم 1989-يىلى قەيسەرى […]

تۇرسۇنجان،ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى,13-سىنتەبىر مۇھاجىرەتتە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ،ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلگەن يازغۇچى ئازات قاسم ئەپەندى 2023-يىلى 13-سىنتەبىر تۈركىيەدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى. ئىگەللىشمىزچە، ئازات قاسم ۋەتەندە تۇغۇلغان، ئەدەبىيات ساھەسدە كۆزگە كۆرۈنگەن، ئوتتۇرا ئاسيادا بىر مەزگىل ياشىغان، ئۇيغۇر تارىخى، سياسى مەۋجۇتلۇقى ، مۇستەقىللىق ۋە قوراللىق كۆرەش ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى […]

9-سېنتەبىر كۈنى «ئاسىيا لىبېرال دېموكراتىك ئىتتىپاقلىق كېڭىشى» ساھىبخانلىق قىلغان سەييرو زالىدا ياپونىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى سياسەت پائالىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلھام مەھمۇتنىڭ «ئۇيغۇرۇمدا ياشلىغىم» ناملىق كىتاۋى نەشر قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن پالىيەت ئوتكۇزۇلدى. پائالىيەتكە شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان سياسى ساھەدىكى ياپونىيەلىك زاتلار ۋە زىيالىيلار قاتناشقان. ئىلھام مەھمۇت ئۇزۇن […]

رىچارد ئۇيغۇر ، 12-سىنتەبىر ختاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش زۇلۇملىرى ھەققىدە ئ‍سپات توپلاش، تەكشۈرۈش ئۈچۈن كىشلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى (Safeguard Defenders ) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى مەلۇم قىلىش قوللانمىسى»تۈزۈپ ئۇيغۇرچە، ختايچە، تېبەتچە قوللانمىلىرىنى ئىلان قىلغان. مەزكۇر قوللانمىدا،دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى، ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇللىرى، ھەر […]

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان (بۇ بۇرۇن يازغان قسقا ماقالەم ئىكەن. مەن ئەخلاق ياكى پىرىنسپ ئۈلگىسى ئەمەس، بەزى سەۋەنلىكلەر مەندىمۇ سادىر بولىدۇ، ئەمما توغرا قاراشلارنى ئورتاقلىشش بۇرچىمىزدۇر) تىلىمىزدىكى بىر زىيالى سۆزىنى بىر  ئىلىم ئەھلى، تەتقىقاتچى ،ئالىم  دەپ چۈشەنسەك، بىر ساغلام زىيالى مەلۇم ساھەدە چوڭقۇرلىغان ئىلىم ئەھلى،  ئۇنىڭ خىزمىتى- توغرا ۋە ھەقىقەت ئۈستىدە […]

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىدىن تۇرغۇنجان تەييارلىدى *ئامېرىكا ختاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»قۇرۇلۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق بىلەن شەرقى ئاسيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرسدىكى تارىخى قۇرۇلۇش-پويىز يولى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. *ختاي دۆلەت رەئىسى شى بۇ قېتىملىق مۇھىم يېغىنغا قاتناشمىدى، ئورنىغا باش منستىر لى كېچىياڭنى ئەۋەتتى.بىر قسم تاراتقۇلار:«ختاي ئۆزىنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى […]

ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى، تۇرسۇنجان، 8-سىنتەبىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە رەئىسى ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى دىرىكتورى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى كومسسارى نۇرى تۈركەل قاتارلىقلار تەيۋەن مەركىزى تەيبي شەھىرىدە «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك يېغىنى»غا قاتنىشش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن. بۇ دولقۇن ئەيسانىڭ 15 يىللىق ساياھەت چەكلمىسدىن كىين تەيۋەنگە […]

ختاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەش، ھۇجۇم قىلىش، ئۇيغۇرلارنى ئاجىزلاشتۇرۇش، بىر-بىرىگە ئۆچ قىلىش مەقسىتىدە بارلىق رەزىل-يوشۇرۇن ۋە تېخنىكىلىق ۋاسىتە ۋە تاكتىكىلارنى قوللىنىشنى كۈچەيتمەكتە.سز بىلمەستىن ختاينىڭ ئۇچۇر توپلايدىغان دىتالىنى ئ‍ئىشلىتىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن.نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بايقىغان ئاساسلىق تەھدىتلەر تۆۋەندىكىچە:1-فايىس بۇكتا سىز بىلەن يالغان ھېسابات ئارقىلىق دوست بولۇش، سىزگە ئۇچۇر ئەۋەتىش […]

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى يەھۇدى دۇنياسىغا نەزەر تەشكىلاتى ( Jewish World Watch)-تۈرلۈك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن ئامان قالغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ۋە بارلىق دىن ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشلەر بىلەن بىرلىكتە ئىرقى قىيىنچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يەھۇدى تەشكىلاتى.مەزكۇر تەشكىلات ئۇزۇندىن بىرى،ئۆزىنىڭ زور چاقىرىق ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر قىيىنچىلىقىنى يەھۇدى جەمئىيەتلىرىگە بىلدۈرۈش، ھېمايىچىلىق قىلىش، ئۇيغۇر […]

5-سىنتەبىر،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بىرلىن-گىرمانىيە پارلامنىتىدا ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بىرى ئارزۇ قىلغان تارىخى بىر ھادىسە يۈز بەردى،«گىرمانىيە پارلامىنتى-بۇندستاگدا، ئۇيغۇر دوسلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى. مەزكۇر دوسلۇق گۇرۇپپىسى-ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە دائىر مەسللەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغان، يېڭى ۋە ئەھمىيەتلىك لايىھەلەر ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان گۇرۇپپا بولۇپ، تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە. مەزكۇر دوسلۇق گۇرۇپپىسى-ئۇيغۇر مەدەنيتىنى قۇتلۇقلاش بىلەن باشلانغان بولۇپ، […]

5-سىنتەبىر تېل ئاۋىۋ شەھىرى جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى ۋە ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر تېل ئاۋىۋدا ئېرىترىيە مۇساپىرلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 160 كىشى يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 15 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. ئ‍ېرتىرىيە شەرقى شمالى ئافرىقىدىكى دۆلەت بولۇپ، قېزىل دىڭىز […]

تۇرسۇنجان،4-سىنتەبىر، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ياپونىيە نىككى ئاسيانىڭ خەۋەر قىلىشچە،ب د ت غا قاراشلىق «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى» ئۆتكەن ھەپتە جىمجىتلا ختاي كومپارتىيسى مۇستەملىكىسى ۋە قىرغىنچىلىقى ئ‍استىدىكى ئۇيغۇر ۋەتىنى پايتەختى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان.زىيارەتتە مەزكۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى ئاتالمىش شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم باش كاتىۋى (سكرىتارى) ماشڭرۈي بىلەن سۆزلەشكەن.ماشڭرۈي مۇنداق دىگەن:ئامېرىكا ۋە غەرپ دۆلەتلىرىدىكى […]

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان نىمە ئ‍ش يۈز بەردى؟ بۈگۈن روسيەنىڭ تاجاۋزۇچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ يۇقىرى قاتلامدا زور ئۆزگىرىش بولدى: پىرەزدىنت زىلنىسكى نۇتۇق سۆزلەپ،2021-يىلى نويابىردىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، ئۇرۇش باشلانغاندىن بىرى ئىزچىل ۋەزىپسدە چىڭ تۇرىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە منستىرى ئولەكسى رەزنىكوۋ ( Oleksii Reznikov)نى ئالماشتۇرۇپ، ئورنىغا قېرىم تاتارلىرىدىن بولغان 41 ياشلىق مۇسۇلمان  […]