ئامېرىكا ختاي بىلەن مۇناسۋەتنى يۇمشتىش ئۈچۈن مەركىزى ئاخبارات ئىدارسنىڭ باشلىقىنى بېجىڭغا مەخپى ئەۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكا قەرزى 31 تېرىلىيونغا چىقتى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن ئاق ساراي ئ‍وتتۇرسىدا يىللىق مالىيە خام چوتى كىلىشمى دەسلەپكى قەدەمدە ماقۇللاندى. ئەمما كېڭەش پالاتاسدا قارشىلىققا دۇچ كەلمەكتە.

تاھىر ئىمىن: خوڭكوڭ دائىرلىرى يالغان سۆزلىدى.
ۋاشنگىتون دى سى دا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئۇيغۇر تايمىزنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن بىرلەشمە ئاگېنىتلىققا مۇنداق دىدى: «ئەگەر ئۇ خوڭكوڭغا كىرمىگەن بولسا،ئۇ ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە يېقىن دوسلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرگەن بولاتتى.خوڭكوڭ دائىرلىرىنىڭ باياناتى ئوچۇق يالغان ۋە بۇ خوڭكوڭنىڭ ختاي كومپارتىيەسنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيا بويلاپ قوغلاپ تۇتۇشغا شرىكلەشلىكى ئۈچۈن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇشىدۇر.