ختاي فىرانسيە، گىرمانىيە، ئ‍تالىيە، گوللاندىيە، ئ‍سپانىيە، مالايسيا قاتارلىق 6 دۆلەتتىن ۋېزا تەلەپ قىلمايدىغان بولدى. ئۇيغۇرلارغا كۆرستىدىغان تەسرى

ئەسقەرباي،  ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 24-نويابىر

ختاي تاشقى ئ‍شلار منىستىرلىكى 24-نويابىر بايانات ئىلان قىلىپ،  فىرانسيە،  گىرمانىيە، ئ‍تالىيە، گوللاندىيە،  ئ‍سپانىيە، مالايسيا قاتارلىق 6 دۆلەتلەردىن ۋېزا تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى باياناتىدا مۇنداق دىگەن: « ختاي ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ بىرىپ-كىلىشنى قولايلاشتۇرۇش،چەتئەللەرگە يۇقىرى سۈپەتتە ئېچىۋىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ختاي تەرەپ فىرانسيە، گىرمانىيە، ئ‍تالىيە،گوللاندىيە، ئ‍سپانىيە، مالايسيا قاتارلىق 6 دۆلەتلەرنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بار پۇقرالىرىدىن يەككە ھالدا  ۋېزا تەلەپ قىلمايدۇ. 2023-يىلى 1-دېكابىردىن 2024-يىلى 30-نويابىرغىچە، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بار پۇقرالىرى ختايغا سودا، ساياھەت، تۇققان يوقلاش ئۈچۈن زىيارەتكە كەلسە، تۇرغان ۋاقتى 15 كۈندىن ئ‍ېشپ كەتمسە،چىگرىدىن كىرىشى ئۈچۈن ۋېزا تەلەپ قىلىنمايدۇ.»

ختاي خەلقئارا رادىئو ئ‍ستانسسنىڭ 17-نويابىر خەۋەر قىلىشچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق ختاي ئەلچىخانىلىرى يەنە چەتئەللىكلەرگە رەسمىيەت بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇپ، 24 سائەت ئ‍ىچىدە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى تىز سۈرئەتتە بىجىرىشنى يولغا قويغان، بۇ نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ تىز رەسمىيەت بىجىرىش ھسابلىنىدىكەن.

ئۇنداقتا ختاينىڭ مەقسدى نىمە؟بۇ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟

ختاينىڭ مەقسدى-ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ سياسى مەقسدىنى ئ‍شقا ئاشۇرۇش، ئۆزىگە پايدىلىق دىپلوماتىيە ۋە تەشۋىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش.

بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسغا ئىلىپ كىلىدىغان زىيانلىرى ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق باشقۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا مۇنداق دىدى: 

ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سياسىتى دۇنيادا كەڭ كۆلەملىك تەنقىد ، جازالاشقا سەۋەب بولغان بولۇپ، ختاي 7 يىللىق ئىغىر باستۇرۇشلار نەتىجىسدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ياراملىق شەخسلىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە باشقا مىلىيونلىغان كىشلەرنى كۆزدىن يوقاتتى، جەمئىيەتتە پەقەت ختاينى ھېمايە قىلىدىغان،ختايلاشقان كىشلەرنى قالدۇردى.ختاينىڭ  بۇ قېتىملىق ۋېزا بىكار قىلىشى-چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇر ۋەتىنىنى زىيارەت قىلىشقا يول بىرىش ئارقىلىق،ئۆزىنىڭ پىروپاگانداسى ئۈچۈن غەرپتە ئاساس ھازىرلاشتۇر.شۇنداقلا چەتئەلدىكى سياسەتكە ئارىلاشمىغان ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇق-تۇققان ۋە يۇرتىنى كۆرۈشكە شارائىت يارىتىش، سياسەتكە ئارىلاشقانلارنىڭ تۇققانلىرىنى جازالاش ئارقىلىق، كىشلەرنى سياسەتكە ئارىلاشماي توغرا قىپتىمەن دەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۇس ئىككىگە ئايرىش، ئەڭ ئاخىرىدا، داۋايىمىز ۋە ئاۋازىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.بۇنىڭغا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئاقىلانە تەدبىر ئىلىشى كىرەك.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تاھىر ئىمىن لېكسيە ۋە نۇتۇقلىرى:

جۈ نويابىر 24 , 2023
سياسى نۇتۇقلىرى: ئۇيغۇر ئ‍سلاھات ھەرىكىتى لېكسيەلىرى: ئۇيغۇر روھى پىروگىراممىسى لېكسيەلىرى: شەخسى تەرەققىيات ھەققىدىكى لېكسيەلىرى:
تاھىر ئىمىن لېكسيەلىرى

You May Like