تۈركىيەدە يوقاپ كەتكەن ئابدۇلئەھەدنىڭ تېخىچە ھىچقانداق ئىز-دىرىكى يوق

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا يەتكۈزۈلگەن ئ‍شەنچىلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا،تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇلئەھەد ئ‍سىملىك ئۇيغۇر  ئەر 2023-يىلى 7-ئاۋغۇست كۈنى يوقاپ كەتكەندىن ھازىرغىچە ھىچقانداق ئىز-دىرىكى يوق.

ئېنىقلانغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا،ئەسلى ئ‍سمى ئابدۇلئەھەد ، تۈركىيەدە قوللانغان ئ‍سمى ئۆمەر سېراجى،  ئەر، ئەسلى  يۇرتى خوتەن، ئۇيغۇر، 2014 ئاۋغۇست ئېيىدا تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ،40 ياشلار ئەتراپىدا،  ئاشپەزلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. 

ئ‍ستانبۇل شەھىرىنىڭ چاپا رايونىدا ياشلار بىلەن ئورتاق تۇرالغۇدا ياشىغان. ئ‍ستانبۇلدا ھىچقانداق ئۇرۇق-تۇققىنى ياكى ئائىلىسى يوق بولۇپ،  سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىكەن. 2014-يىلى بىر مەزگىل روھى كېسەللىكلەر شپاخانىسدا داۋالانغان.

ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندە، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىرىلگەن ئالاقىدار ھۈججەتلىرى جۈملىدىن (ساياھەت بەلگىسى) يېنىدا بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرۈش قېين بولغان. يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئادوۋكاتلار ساقچىلار ئارقىلىق ئىز-دىرىكىنى سۈرۈشتۈرۈشنى داۋام قىلماقتا ئ‍ىكەن.

چەتئەللىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن ئىككى ئورۇندىن سورىغاندا، ئۇلار بۇنداق شەخسنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرشىچە، ئۇيغۇر جامائىتى ئەگەر يتەرلىك كۈچ چىقارسا، ئورتاق ھەرىكەتكە كەلسە، ئۇنى تېپىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى: بىر پىرەزدىنىت جىنايەتچى سۈپىتىدە رەسمى قولغا ئىلىندى، باش سۈرىتى رەسمگە تارتىلدى، كېپىلىككە قويۇپ بىرىلدى.

جۈ ئاۋغۇست 25 , 2023
 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدىن قسقارتىلما تەرجىمە: ئامېرىكا سابىق پىرەزدىنتى دونالد تىرامپ 24-ئاۋغۇست كەچتە جورجىيا شتاتى فۇلتون ناھىيسى تۈرمىسگە بىرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تېزىملاتتى،ئۇ قانۇن بويىچە جىنايەتچى باش سۈرىتى تارتىلىپ،ئارخىۋى تېزىملىنىپ، 20 مېنۇتتىن كىين تۈرمىدىن چىقتى. تىرامپ 2020-يىللىق ئامېرىكا پىرەزدىنتىلىق سايلىمىدا سايلام نەتىجىسنى ئېتىراپ قىلمىغان ۋە نەتىجىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ […]
تىرامپ تۈرمىدە

You May Like