جوۋ بايدىن ئەنئەنە بويىچە مىننەتدارلىق بايرىمىدا ئىككى كۈركە توخۇنى كەچۈرۈم قىلدى

ئەكرەم، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 21-نويابىر

1942-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ماقۇللىغان قانۇن لايىھەسى بويىچە، ھەر يىلى نويابىرنىڭ 4-پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىلىقلار «مىننەتدارلىق بايرىمى»نى تەبرىكلەيدۇ. ھەر يىلى مىننەتدارلىق بايرىمىدا، ئامېرىكىلىقلار ئوتتۇرا ھساب بىلەن 46 مىلىيون توخۇ يەيدۇ. بۇ يىل «ئەركىنلىك» ۋە « قوڭغۇراق » ئ‍سملىك ئىككى توخۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاشقازىنىدىن ئامان قالىدۇ.

ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 23-نويابىر كىلىدىغان مىننەتدارلىق بايرىمى ئۈچۈن «ئەركىنلىك » ۋە «قوڭغۇراق» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى كۈركە توخۇنى ئاق سارايغا ئەكىلىپ، كەچۈرۈم قىلدى. بۇ ئەنئەنە 60 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەر يىلى توخۇ كەچۈرۈم قىلىش ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى چاقىرىلىپ، ئوقۇغۇچىلار، كىچىك بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئالدىدا توخۇلارنى كۆرگەزمە قىلىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇقتۇرۇش: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تور بەتلىرى-ختاي خاككىرلىرىنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبلىك تۆتىنچى قىېتىم ئ‍شتىن توختىىدى

سە نويابىر 21 , 2023
ئۇيغۇرچە بۆلۈم: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تور بېكەتلىرى 17-نويابىردىن باشلاپ، ئارقا سۇپىدىن مەزمۇن يوللاش ئېىقتىدارىدىن قالدى. سەۋەبى، بېخەتەرلىككە مەسئۇل مۇتەخەسسلىرىمىزنىڭ مەلۇم قىلىشچە، بۇ- ختاي خاككىرلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشۋاتقان ئاپتوماتىك ھۇجۇملىرىنىڭ تور بېكەتلىرىمىزدىن بېخەتەرلىك يوچۇقى تاپقانلىقى ۋە نورمال مەشغۇلاتقا تەسر يەتكۈزگەنلىكىدۇر. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئ‍شلەۋاتىدۇ، مەزمۇنلار ۋاقتىنچە تور بېكەتكە يوللانماستىن،سوسيال مېدىياغا […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

You May Like