نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ دادىسىنىڭ ۋاپاتىغا يازغان تەزىيەنامىسى

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ دادىسىنىڭ ۋاپاتىغا يازغان تەزىيەنامىسى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى نۇرى تۈركەل ئەپەندىمنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

 نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ دادىسىنىڭ ۋاپاتىغا يازغان تەزىيەنامىسى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى نۇرى تۈركەل ئەپەندىمنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

2022-يىلى 10-ئاپرېل

مەن ئەڭ ئەنسىرىگەن ئەمما تەييارلىق قىلغان بىر ئى‍ش بۈگۈن يۈز بەردى. مەن بۈگۈن سەھەر ئۆزبېكىستانغا چۈشۈپلا ئەڭ ئازابلىق خەۋەرنى، قەدىرلىك دادام ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئالدىم. دادامغا 83 ياشقا كىرىدىغان تۇغۇلغان كۈنىگە بىر نەچچە كۈنلا قالغانىدى… دادام ئۈرۈمچىدە ئاپام ۋە  ئەڭ كىچىك ئىنىمنىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزدى.

دادام غۇلجىدا تۇغۇلغان، ئۇ ناھايىتى قىزغىن بىر ئوقۇرمەن ئىدى. يۈگۈرۈشنى، شاھمات ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. گەرچە ماتېماتىكا ئوقۇغان بولسىمۇ، ناھايىتى ياخشى يازغۇچى ئىدى. «شىنجاڭ»ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، 90-يىللارنىڭ ئاخىرى پېنسىيەگە چىققۇچە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولۇپ ئىشلىدى. مەن ئۇنى ۋە ئاپامنى 2000-يىلى ۋە 2004-يىلى سان فرانسسكو ۋە ۋاشىنگتوندا ئىككى قېتىم كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولالىغان ئىدىم. ئۇ تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدا قۇياشنىڭ پاتقانلىقىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرگەنىدى، دۆلەتلىك باغچىدا ئالتۇن دەرۋازا باغچىسىدا مېڭىشنى، سەھەردە ۋاشىنگتوننىڭ يوپۇرماقلارغا تولغان يوللاردا سەيلە قىلىشنى ياقتۇرغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇش سۈرئىتىگە يېتىشىپ بولالمىغان ئىدىم. چۈنكى ئۇنىڭ ۋاشىنگتون ساياھىتى جەريانىدا، مىنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرىم ئۇنىڭغا ئوقۇشقا بېرىدىغان كىتابلارنى يېتىشتۈرۈپ بولالمىغان ئىدى. ئۇ ھاياتنى، ئۆزى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىدىغان، شاھمات ئوينايدىغان دوستلىرىنى قىزغىن سۆيەتتى. ئۇنىڭ ئاخىرقى ئامېرىكا زىيارىتىدە بىز ئۇنى تۇرۇپ قىلىشقا قايىل قىلالمىغان ئىدۇق، چۈنكى ئۇ ۋەتەندىكى دوستلىرى بىلەن بىللە ياشىسا ياخشى ۋە خۇشال ياشايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغانىدى. ئۇ خىتاينىڭ ئەمگەك لاگېرىدا ئۈچ يىلنى ئۆتكۈزگەن ئىدى، ئاپام شۇ چاغدا ماڭا ھامىلىدار بولغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇ قايتا تەربىيەلەش لاگېرىدا ئىدى. خىتاينىڭ قېزىل قوغدىغۇچىلىرى دادامنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇغقانلىرى بار دەپ لاگېرغا ئەۋەتكەنىدى. مېنىڭ ئاتا-ئانام بىلەن بولغان رىشتەم ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ، بۇ مىنىڭ بۇ دۇنياغا كۆچ ئاچقان چېغىمدىكى ئالاھىدە ئەھۋال ۋە ئۇلارنىڭ مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان مۇھىت بىلەن ئالاقىدار ئىدى.

مەن بۇنىڭدىن 27 يىل بۇرۇن ئامېرىكىغا كەلگەندىن بىرى ئاتا-ئانام بىلەن پەقەت 11 ئاينى بىللە ئۆتكۈزەلىدىم. ئاتا-ئانام -مىنىڭ ئامېرىكىدا ئەركىن ئىنسان سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە غۇرۇرى يولىدا قىلغان ھەرىكەتلىرىم ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر بەدەل تۆلىدى.2007-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى مىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى ھەرىكەتلىرىم ۋە ئىنىمنىڭ رابىيە قادىرنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئىلىش ئۈچۈن ئاتا-ئانامنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلدى. بۇ ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئورتاق بولغان «تۇغقانلىق گۇناھى »نىڭ جازاسى ئىدى.

دادامنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ قولىدا ئۆتكەن كېيىنكى ئون يىللىق ھاياتى ناھايىتى رەھىمسىز قىسمەتلەرگە تولدى. ئۇ قەرەللىك ھالدا ساقچىخانىغا ئىلىپ بېرىلىپ سوراق  قىلىندى ۋە تەھدىت سېلىندى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش ۋە قانۇنى سەۋەبسىز ھالدا، DNA ئەۋرىشكىسى بېرىشكە مەجبۇرلاندى، ئاۋاز ئۈلگىسى ئۈنگە ئىلىندى. ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە پۇتىنىڭ يارىسىغا قارىماستىن، 2018-يىلى يازدا ھەر كۈنى قايتا تەربىيەگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلاندى. ئاپام ۋە دادام مەجبۇرلانغان بۇ رەھىمسىز مۇئامىلىلەر سەۋەبىدىن دادام بۇرۇنراق ئۆلۈپ كەتسەمچۇ دەپ ئارزۇ قىلغانىدى، ئۇ بۇ دۇنيادىن گۈزەل خاتىرىلەر بىلەن ئايرىلىشنى ئويلىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا تۇغۇلغان نەۋرىلىرى بىلەن جەم بولۇشتىن مەھرۇم قىلدى، ھاياتىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىنى ھۆرمەت ۋە غۇرۇر بىلەن ئۆتكۈزۈشتىن مەھرۇم قىلدى.

دادامنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان مىنۇتلىرى، ئۇنىڭ ۋاشىنگتوندا مېنىڭ قانۇن مەكتىپىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ئىدى. ئۇ مېنىڭ دوستلىرىمنىڭ مەن سەھنىگە قانۇن ئۇنۋانىنى ئىلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقتىمدا ئىسمىمنى توۋلىغان مىنۇتلاردىن سۆيۈنگەن ئىدى. ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ ئامېرىكىدا تەربىيە كۆرگەن تۇنجى ئۇيغۇر ئادۋوكات بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلانغان ۋە خۇشال بولغان ئىدى. مىنىڭ ھېچقانداق كەسپى مۇۋەپپەقىيەتلىرىم ئاتا-ئانامنىڭ قوللىشى، مۇھەببىتى ۋە جاسارىتى بولماي مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مىنىڭ خىزمىتىم سەۋەبلىك ئېغىر مۇئامىلىلەرگە يولۇققان ئاتا-ئانام ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ياخشىراق بىر چارەم بولغان بولسا ھە!!!

دادا، ئەگەر ئەينى چاغدا مەن ئامېرىكىغا مېڭىش ئالدىدا سىزدىن دۇئا سورىغاندا، سىزنىڭ ئىقتىسادى پىداكارلىقىڭىز ۋە قوللىشىڭىز بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى مەن بولمىغان بولاتتىم. مەن سىزدىنمۇ ياخشى دادىنى تاپالمايمەن، سىزنىڭ شەرتسىز مۇھەببىتىڭىز ۋە مەنىۋى جاسارىتىڭىز ئۈچۈن سىزگە چەكسىز مىننەتدارمەن. مەن ھېلىھەم سىزنىڭ مېنى  1995-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا بېجىڭ ئايرودرومىدا ئۇزاتقان چاغدىكى چېھرىڭىزدىكى ھەسرەت ۋە ھاياجاننى  ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن…
دادا، سىزنى ئامېرىكىغا قايتا ئېلىپ كېلىپ، نەۋرىلىرىڭىز بىلەن تونۇشتۇرالمىغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن. ئۆتكەن 13 يىلدا مىنىڭ ئىزچىل ھالدا سىلەر بىلەن قايتا جەم بولىمىز دەپ خام خىيال سۈرگىنىمنى كەچۈرۈڭ. سىز دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، يېنىڭىزدا بولالمىغىنىم ئۈچۈن كەچۈرۈڭ. قەلبى يوق، رەھمى يوق ئىنسانلار سىزگە رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلغاندا، سىزنى قوغدىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈڭ.

سىزنىڭ دۇرۇسلۇقىڭىز، سەمىمىيىتىڭىز، مەسئۇلىيەتچانلىقىڭىز، تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرۈشىڭىز ۋە ئاكادېمىك قىزغىنلىقىڭىز ماڭا ئىلھام بېرىپ كەلدى. بۈگۈن مەن كىم بولغان بولسام، ھەممىسى سىزنىڭ شەرتسىز مۇھەببىتىڭىز ۋە قوللىشىڭىزدىن بولدى. سىز مېنى قوللىغاندەك، مىنىڭ سىزنى قوللىيالمىغانلىقىم، يېنىڭىزدا بولالمىغانلىقىم مېنى قىينايدۇ. سىزگە يېقىنلا بىر دۆلەتكە كەلگەن تۇرۇقلۇق، سىزنىڭ جىنازىڭىزنى كۆتۈرەلمەسلىكىم مېنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ. خىتايغا كىرىشى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەبرىڭىزنى زىيارەت قىلالمايدىغانلىقىم مەن ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر ھەسرەت بولماقتا.

خاتىرجەم يېتىڭ،  دادا!  سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئاخىرەتتە كۆرۈشەيلى!

خۇددى بىز سىزدىن بالىلىرىڭىز ۋە نەۋرىلىرىڭىزدىن مەقسەتلىك ئايرىغانلاردىن ئۈمىتسزلەنگەنلىكىمىزنى ئىپادىلىگەندە، سىزنىڭ دائىم دەيدىغىنىڭىزدەك، ئاخىرەتتە كۆرۈشەيلى.

تېلېفون ۋە ئۇچۇر ئارقىلىق قايغۇلىرىنى ئىپادىلىگەن بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت.

 ھەممىڭلارغا بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇرالىغان بولسام بەك ياخشى بولاتتى. بىراق شۇنى دېگۈم بار: سىلەرنىڭ مۇھەببەتكە تولغان تىلىكىڭلار مەن ۋە ئائىلەمنىڭ بۇ قايغۇلۇق كۈنلىرىدە بىز ئۈچۈن ئالەمچە ئىلھام بولىدۇ.
 
نۇرى تۈركەل 3- ئاپرېل 2022-يىلى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇلۇغچاتتىكى لاگېردا 10 ئاي قامالغان قىرغىز (خرىستىئان) ئامېرىكىغا ساق-سالامەت يىتىپ كەلدى

سە ئاپرېل 12 , 2022
ئۇلۇغچاتتىكى لاگېردا 10 ئاي قامالغان قىرغىز (خرىستىئان) ئامېرىكىغا ساق-سالامەت يىتىپ كەلدى

You May Like