مۇھاجىر ئۇيغۇرلاردىن خەلقئاراغا جىددىي مۇراجەت

ئۇيغۇر ئانا زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىككى نارسىدە پەرزەنتى بىلەن قوشۇلۇپ بۇ يىل ئالتىنجى ئاينىڭ 27 – كۈنى تۈركىيىدىن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتتايغا قايتۇرۇلغان[i]. ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرىۋاتقان ھەدىسى غۇلجىدا تۇرۇشلۇق ئانىسى بىلەن مىڭ تەستە ئالاقىلىشىپ، زىننەتگۈلنىڭ خىتتايغا قايتۇرۇلۇپ كېلىنگەندىن كېيىنلا يەرلىك خىتتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئىككى پەرزەنتىنىڭ كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. زىننەتگۈلنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى نامەلۇم.

ئەسكەرتىش: مۇھاجىرەتتىكى ئەزىز ئۇيغۇر قېرىنداشلار، بۇ مۇراجەتنى قېرىندىشىمىز زىننەتگۈلنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى ھەم شۇنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قانچە پىدائى قىز-ئوغۇللىرى تەييارلىدى. كىمنىڭ يېزىپ،  ئېلان قىلىشى مۇھىم ئىش ئەمەس. مۇھىمى، بۇ مۇراجەت خەلىقنىڭ ئاۋازىنى ئەكىس ئەتتۈردىمۇ يوق؟ مۇراجەتنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازى بولغانلىقىغا قوشۇلسىڭىز، قوشۇلىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ ھەم خەلق ئاۋازى سۈپىتىدە تارقىتىڭ. سىز قوشۇلمايدىغان نۇقتىلىرى بولسا، قانداق تۈزەتسە ياكى ئۆزگەرتسە بولىدۇ، كونكىرىت تەكلىپ بېرىڭ؛ شۇنداق بولغىنىدا، باشقا تىللاردىكى نۇسخىلىرىنى ھەم ماس قەدەمدە ياخشىلاپ ماڭىمىز.  پەقەت مۇشۇ مۇراجەتنىڭ ئاستىغا يېزىلغان پىكىر-تەكلىپلەرنىلا ئويلىشىمىز، ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئۈلگۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار تەسىس قىلغان ھەم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار ۋە گۇرۇپپىلار، يالغۇز دەۋا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز مۇۋاپىق كۆرسە ئۆز ھاجىتىگە يارىشا بۇ مۇراجەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسا بولىدۇ.  ياخشى نىيەت بىلەن تەييارلىدۇق، ياخشى نەتىجە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

مۇھاجىر ئۇيغۇرلاردىن خەلقئاراغا جىددىي مۇراجەت

2019-07-29

 

     ئۇيغۇر ئانا زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىككى نارسىدە پەرزەنتى بىلەن قوشۇلۇپ بۇ يىل ئالتىنجى ئاينىڭ 27 – كۈنى تۈركىيىدىن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتتايغا قايتۇرۇلغان[i]. ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرىۋاتقان ھەدىسى غۇلجىدا تۇرۇشلۇق ئانىسى بىلەن مىڭ تەستە ئالاقىلىشىپ، زىننەتگۈلنىڭ خىتتايغا قايتۇرۇلۇپ كېلىنگەندىن كېيىنلا يەرلىك خىتتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئىككى پەرزەنتىنىڭ كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. زىننەتگۈلنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى نامەلۇم.

     مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقەدىن چۆچۈدۇق ۋە ئېچىندۇق.

  • بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن زىننەتگۈل ۋە ئىككى پەرزەنتىنىڭ تاجىكىستان ئارقىلىق خىتتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋىتىلىشغا ئالاقىدار ئىشلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىنى، ئۇلارنى خىتتايدىن قۇتۇلدۇرۇپ، بىخەتەرلىككە ئېرىشتۈرۈشىنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلىشنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز.

     مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قېرىندىشىمىز زىننەتگۈل ۋە ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتىمىز.

     بىز يەنە زىننەتگۈلدەك ئاجىز ۋە چارىسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋالنىڭ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشىدە قالدۇق. تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بېرى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارغا «چىگىرىدىن چىقىرىۋىتىش» قارارى چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار خىتتايغا قايتۇرۇۋىتىلىشىدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن. ئۇندىن باشقا سوراقسىز ھالدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ياكى قايتا قولغا ئېلىنىش خەۋپىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خېلى كۆپ. بەزى ئۇيغۇرلار سەۋەپسىز قولغا ئېلىنىپ  مەلۇم مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، مەلۇم چەكلىمىلەر بىلەن، ھەتتا ئىقامىتى ئەمەلدىن قالدۇرىۋىتىلىپ قويۇپ بېرىلگەن. يەنە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە ھىچقانداق قانۇنىي سالاھىيىتى يوق، بەزىلەرنىڭ ئىقامەت ئىلتىماسلىرى سەۋەپسىز رەت قىلىنغان[ii]. بۇ ئۇيغۇرلار ھەر ۋاقىت قولغا ئېلىنىش ۋە خىتتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا يەنە بىر زىننەتگۈل بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. شۇ سەۋەپتىن :

  • تۈركىيە ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا ئىمكانىيىتى بار بولغان ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتلاردىن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلىمىز.
  • بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان باشقا دۆلەتكە يۆتكىلىش يولىنى مېڭىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىنى تېزلەشتۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئالالماسلىق ۋە ئۇزارتالماسلىقىغا سەۋەپچى بولۇۋاتقان خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش خاراكتىرىدىكى پاسپورت سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا جىددىي مۇراجەت قىلىمىز.
  • خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەجبۇرىي يوقىتىلىۋىتىلگەنلەر ئىشلىرى ئىشخانىسى[iii] ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىشلىرى ئىشخانىسنىڭ[iv] ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي يوقىتىلىۋىتىش، تۇتقۇن قىلىنىش، ئۈچىنچى بىر دۆلەت[v]، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق ياكى شۇ دۆلەتلەردىن بىۋاستە خىتتايغا قايتۇرۇلۇش ئىشلىرىغا دىققەت بېرىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز.
  • شۇنى ئەسكە ئالىمىزكى، 2018- يىلى 4- ئايدا، گىرمانىيىدىن خاتا ھالدا خىتتايغا قايتۇرۇۋىتىلگەن[vi] بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىز-دىرىكىنى ئالالمىغاندىن كېيىن، گىرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۋەتمەسلىكنى مۇراجەت قىلغان ئىدى[vii].

     زىننەتگۈل بىر ئانا، ئۇ بىز ئۈچۈن مۇھىم. ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى بىز ئۈچۈن قىممەتلىك. ئاجىز ۋە چارىسىز ئەھۋالدا قالغانلارنى قۇتقۇزىۋىلىڭلار. بىز سان-ساناقسىز ئۇيغۇردىن ئايرىلىپ قالدۇق. يەنە قانچىلىكتىن ئايرىلىشىمىز لازىم ئىدى؟ ھەر بىر جان ئىگىسى قىممەتلىك.

     بىز تۈركىيە زىمىنىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ماكانى بولۇپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا ھۆرمەت قىلىمىز.  ئەمما خىتتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش، تۈرمىگە سولىنىش، ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈشكە دۈچ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن،

  • تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنى بىۋاستە ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەت ئارقىلىق خىتتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىمىز.
  • تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىننەتگۈل ۋە ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتىنىڭ خىتتايغا قايتۇرىۋىتىلىشىگە ئالاقىدار ئىشلارنى تەكشۈرۈپ، ئېنىقلىما بېرىشىنى، بۇخىل ۋەقەنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز.

[i] http://uighurtimes.com/index.php/uighur-woman-and-her-two-little-children-have-been-deported-to-china-by-turkish-authorities/

[ii] https://www.middleeasteye.net/news/turkey-set-deport-uighur-back-china-where-they-could-face-imprisonment

[iii] https://www.ohchr.org/en/issues/disappearances/pages/disappearancesindex.aspx

[iv] https://www.ohchr.org/EN/Issues/Detention/Pages/WGADIndex.aspx

[v] https://quillette.com/2019/07/22/when-the-lion-wakes-the-global-threat-of-the-chinese-communist-party/

[vi] https://www.washingtonpost.com/world/2018/08/06/germany-accidentally-deported-uighur-man-china-his-lawyer-hasnt-heard-him-since/?utm_term=.2fd3a6eff4ad

[vii] https://www.ucanews.com/news/eu-urged-not-to-forcibly-return-turkic-muslims-to-china/84022

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

زىننەتگۈل تۇرسۇن كىرزىسى ۋە توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاش

دۈ ئىيۇل 29 , 2019
شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ھاياتىدا ۋە شەرقى تۈركىستان داۋاسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان مۇھىملىقىنى تېخىمۇ پەرق ئەتتۈرمەكتە. شەرقى تۈركىستانلىقلار بىلەن تۈركىيەلىكلەرنىڭ بىر مىللەت بولۇشى يەنى تۈرك بولۇشى يەنە بىر تەرەپتىن تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دىنى ئەقىدە ۋەئۆرفى ئادەتلەرنىڭ بىردەكلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن تۈركىيە ئىككىنچى ۋەتەن مەۋقەسىدە تۇرۇپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ سۆيگۈ ۋە مۇھەببىتىمۇ ئاناتولىيەدىكى تۈركلەرنىڭ قارىنداشلىق بېغى بىلەن سۇنغان قوللىرىدىن مىننەت

You May Like