گوللاندىيەدە خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

14-سېنتەبىر، گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى گوللاندىيە دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئارقا دەرۋازىسىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى.

 گوللاندىيەدە خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 14-سېنتەبىر

14-سېنتەبىر، گوللاندىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى گوللاندىيە دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئارقا دەرۋازىسىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى. 

رەسىملەر فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى

نامايىشقا 200~300 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ كەڭ كۆلەمدە قوزغالغان نامايىش ھېسابلىنىدۇ. 

نامايىش دەسلىپىدە خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى، زۇلۇمى ۋە كارانتىن نامىدىكى ئاچارچىلىققا قارشى بىر سائەت داۋاملاشتى. كىيىن غەزەپ-نەپرىتىنى باسالمىغان خەلق خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىپ تۇخۇم، تاش، رەڭ قۇتىسى، ئوت يىقىلغان بوتۇلكا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېتىشقا باشلىدى. نەتىجىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دېرىزىلىرى رەڭگە بويالدى. ئەلچىخانا ھويلىسىدىكى دۆۋە ئەخلەتلەرگە ئوت تۇتۇشۇپ، كۆيۈشكە باشلىدى. رېشاتكىلارغىمۇ ئوت تۇتۇشۇپ يالقۇنجىدى. بۇ گوياكى خەلقنىڭ غەزەپ ئوتى بولۇپ، چاراسلاپ كۆيمەكتە ئىدى. نۇزۇگۇملار، غېنى باتۇرلار تۇشمۇتۇشتىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا قولىغا چىققاننى ئاتتى. بەزىلەر دەردى چىققاندەك بولۇپ قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتسە، بەزىلەر ئاتقانچە كۈچلۈك شوئار توۋلاپ مەيداننى بىر ئالدى. 

شۇئان، مەيدانغا تەرەپ-تەرەپتىن ساقچىلار يىغىلىپ، ئامانلىق ساقلاشقا باشلىدى. مەيدانغا كىرىش ۋە چىقىش چەكلەندى. ئەمما نامايىشچىلارغا ئارتۇق زورلۇق ئىشلەتمىدى. شۇ تەرىقىدە يېرىم سائەت داۋاملاشقاندىن كىيىن، ساقچىلار ئامانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ نامايىشنى تارقىتىۋەتتى. 

گەرچە نامايىش بالدۇر ئاياغلاشقان، بىر قىسىم جەرىمانە ياكى ئاگاھلاندۇرۇشلار كېلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنسىمۇ، ھەممەيلەن تەڭ ئۈستىگە ئىلىشقا رازىلىق بىلدۈردى. خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئوت تۇتاشتۇرغان يىگىتلەردىن بىرى قولغا ئىلىنىپ، ئىلىپ كېتىلدى. تەشكىلاتلار ئۇ يىگىت ئۈچۈن ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 

ئۇنىڭغا ئۇلاپلا تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى،  گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋەتىنىمىزدىكى ئاچارچىلىقنى توختىتىش توغرىسىدا مۇراجىئەت قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نامايىشتىكى ئەھۋاللاردىن باشتىلا خەۋەر تاپقاچ، تىنچ شەكىلدە نامايىش قىلىشنى تەكىتلىدى ۋە تەلىپىمىزنى قوبۇل كۆردى. 

نامايىشتىن ئۇزاق ئۆتمەي، گوللاندىيە دۆلەتلىك خەۋەر قانىلى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پارىژ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

چا سېنتەبىر 14 , 2022
2022-يىلى 14-سېنتەبىر «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ قارشىسىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

You May Like