پارىژ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

2022-يىلى 14-سېنتەبىر «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ قارشىسىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

 پارىژ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 14-سېنتەبىر

2022-يىلى 14-سېنتەبىر «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ قارشىسىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشقا يۈزلەرچە شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلار، يەرلىك خەۋەر قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرى، ۋە بىر قىسىم فىرانسىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى قاتناشتى. نامايىش بىرلىك رەئىسى ئالىمجان خالىق ئەپەندىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سائەت 13:30 ئۆتكەندە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى. ئالىمجان خالىق ئەپەندىم ئۇيغۇرچە ۋە فىرانسۇز تىلىدا بۈگۈنكى نامايىش مەقسىتىدە توختىلىپ، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى جۈملىدىن غۇلجا ۋە باشقا شەھەرلەردە يۈز بېرىۋاتقان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچ قويۇپ جازالاشتەك جىنايىتىنى شىكايەت قىلدى. نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر قوللىرىغا ھەرخىل يېزىقتا يېزىلغان تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى ۋە سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ خىتاينىڭ ۋىرۇس باھانىسىدە يۈرگۈزۈۋاتقان يېڭى بىر قېتىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلدى. 

«ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم، لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم، گۈلباھار جەلىلوۋا خانىم قاتارلىقلارمۇ فىرانسۇزچە ۋە ئۇيغۇرچە تىللاردا  نۇتۇق سۆزلەپ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ قوزغىلىشىنى، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشقا يەنە فىرانسىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى سۈپىتىدە قاتناشقان ile de france ئۆلكىلىك پالاتا ۋەكىلى Philippe Bouriachi ئەپەندىم سۆزگە چىقىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شىكايەت قىلدى ۋە ماكرون ھۆكۈمىتىدىن تەخىرسىزلىك بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلدى. يىللاردىن بېرى فىرانسىيەدە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان «چېگراسىز ئادالەت ۋە ھوقۇق» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور Deroche François ئەپەندىم سۆزگە چىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۈچلۈك رەۋىشتە تەنقىد قىلدى ۋە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېزراق ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتاينىڭ جىنايىتىنى توسۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىش ئىككى سائەت داۋاملىشىپ سائەت 15تىن 30 ئۆتكەندە ئاياغلاشتى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر سالدى: قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ئۈچ كۈندىكى نومۇسسىزلىقى

پە سېنتەبىر 15 , 2022
تۈركى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر سالدى: قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ئۈچ كۈندىكى نومۇسسىزلىقى

You May Like