خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ فىرانسىيەدىكى پائالىيىتى قارشىلىققا دۇچ كەلدى

خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ فىرانسىيەدىكى پائالىيىتى قارشىلىققا دۇچ كەلدى

 خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ فىرانسىيەدىكى پائالىيىتى قارشىلىققا دۇچ كەلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 10-سېنتەبىر

ئۆز خەۋىرىمىز، 10-سېنتەبىر پارىژ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى Brétigny رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىنسانپەرۋەرلىك فېستىۋالى» غا خىتاي كونسۇلخانىسىمۇ تەكلىپ بىلەن چېدىر تىكىپ قاتناشقان. ئەمما نۆۋەتتىكى ئىنسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەڭ چوڭ جىنايەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىشى  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان فىرانسىيە ئىجتىمائىي تور دۇنياسىدا كىشىلەر ئەڭ كۆپ تالاش تارتىش قىلغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. 

خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا يازغان تۋىتتېردا نۇرغۇنلىغان فىرانسۇز تورداشلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى شىكايەت قىلىشقان، ۋە ئۇلارنىڭ مەزكۇر فېستىۋالغا قاتنىشىشىنى نومۇسسىزلىق دەپ تەرىپلەشكەن.

10-سېنتەبىر كۈنى فىرانسىيە يېشىللار پارتىيەسى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ چېدىرى ئالدىغا كېلىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ فەيسبۇك بېتىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ئىككى كۈندىن بېرى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ۋەتەندىن بولۇپمۇ غۇلجىدىن كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق خەۋەرلەر بىلەن بولدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، پارىژدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ سولچىلار بايرىمىدا سەتچىلىك يۈز بەردى.

فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تۋىتتېردا، فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ سولچىلار فېستىۋالى بولغان «ئىنسانىيەت بايرىمى» دا ئۈچ كۈن كۆرگەزمە تۇتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەن دەرھال بۇنىڭ نەقەدەر نومۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، فېستىۋال ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ تىۋىتتىر تارقاتقان ئىدىم. ئاندىن دەرھاللا تەرەپ-تەرەپتىن نۇرغۇن كىشىلەرمۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنىڭ كەچۈرگۈسىز خاتالىق ئىكەنلىكى بىلەن فېستىۋالنى ئەيىبلەش ئىككى كۈندىن بېرى تۋىتتېردا ئەۋج ئالدى. 
تۈنۈگۈن يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئادەملىرى غافائەل ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۈگۈن فېستىۋالدا خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ چېدىرى ئالدىدا نامايىش قىلماقچى ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇلارغا بايراق ۋە مايكا يەتكۈزۈپ بېرىشىمىزنى سوراپتىكەن. تەييارلاپ تۇرساق، ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئالاقىلاشمىدى. ۋە ئاخىرى بۈگۈن ئۆزلىرى پىلاكاتلارنى تەييارلاپ چىقىپتۇ. ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ چېدىرى ئالدىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ئۇيغۇرلار بىلەن بىز بىللە» دېگەندەك شوئارلار بىلەن نامايىش قىلىپتۇ.»

« ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىمى» (Fête de l»Humanité) فىرانسىيەدىكى ھەر يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى فېستىۋال بولۇپ، بۇ فېستىۋال فىرانسىيەدىكى سوتسىياللار پارتىيەسى باشقۇرۇشىدىكى «ئىنسانپەرۋەر» گېزىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. مەزكۇر فېستىۋال 1930-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىشتىراكچىلار چېدىر تىكىپ ھەرخىل يېمەكلىك ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى تونۇشتۇرىدۇ. فېستىۋال مەزگىلىدە ھەرخىل تىپتىكى سىياسىي نۇتۇقلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھەر خىل ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە مەزكۇر فېستىۋالغا يىلىغا 500مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىدىكەن.

ئارمان تەييارلىغان.

UT-Uyghur Reporter 1

One thought on “خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ فىرانسىيەدىكى پائالىيىتى قارشىلىققا دۇچ كەلدى

Comments are closed.

Next Post

فىرانسىيەدىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

يە سېنتەبىر 11 , 2022
فىرانسىيەدىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

You May Like