فىرانسىيەدىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

فىرانسىيەدىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

فىرانسىيەدىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 11-سېنتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 11- سېنتەبىر پارىژ خەۋىرى، بۈگۈن پارىژ شەھىرىدە ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تەشكىللىنىپ «ئىنسانپەرۋەرلىك فېستىۋالى» غا قاتنىشىۋاتقان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ چېدىرى ئالدىدا نامايىش قىلدى.

ئاگېنتلىقىمىزنىڭ تۈنۈگۈن (10-سېنتەبىر) بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك، فىرانسىيەدىكى سولچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ يىغىلىشى بولغان «ئىنسانپەرۋەرلىك فېستىۋالى» غا خىتاي ئەلچىخانىسى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئەمما ئۇلار تور دۇنياسىدا قىزغىن تەنقىدلەشكە دۇچ كەلگەندىن سىرت فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى يېشىللار پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

بۈگۈن مەزكۇر فېستىۋالنىڭ 3-كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە پارىژ شەھىرى ۋە ئەتراپىدا ياشايدىغان 20گە يېقىن ئۇيغۇرلار فېستىۋالغا كېلىپ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ چېدىرى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. نامايىش جەريانىدا قوللىرىغا ۋەتىنىمىز غۇلجىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەت تونۇشتۇرۇلغان شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن لوزۇنكا، رەسىملەر ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار خىتاي چېدىرى ئالدىدا: « خىتاي، شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن ھودۇقۇپ كەتكەن ئەلچىخانا خادىملىرى چېدىر ئالدىدا سەپ بولۇپ مۇھاپىزەتتە تۇرغان. بەزىلىرى تېلېفون بىلەن نامايىشچىلارنى سۈرەتكە ئالغان.

نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان لاگېر شاھىتى گۈلباھار جەلىلوۋا خانىم بىلەن دىلنۇر رەيھان خانىم چېدىر ئالدىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەشۋىقات لوزۇنكىسى ۋە ئۈستەللىرىگە قىزىل رەڭلىك سىرلارنى چاچقان. ئاگېنتلىقىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى»نىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ :« خىتاينىڭ چېدىرىغا قىزىل رەڭلىك بوياقنى چېچىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىل قېنىنى ئىچىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەش. مەنچە بىز مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ قارشىلىقىمىزنى زوراۋانلىق ھەرىكەت بىلەن ئەمەس بەلكى، سىمۋوللۇق ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىپادىلىدۇق دەپ ئويلايمەن.» دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ فېستىۋال ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « بۇ فېستىۋال فىرانسىيەدىكى كوممۇنىستلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان فېستىۋال بولۇپ، يۈز يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە. بۇلارنىڭ مۇشۇنداق فېستىۋالغا نۆۋەتتە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلىش تۈگۈل، جىنايەتچى خىتايلارنى تەكلىپ قىلىشى بىزنىڭ نارازىلىقىمىزنى قوزغىدى، ۋە بۇ نامايىشنى قىلىش ئارقىلىق قارشىلىقىمىزنى ئىپادىلەپ كۆڭلىمىزنى ئارام تاپتۇردۇق.»

«فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» مۇئاۋىن رەئىسى مىرقەدىر مىرزات ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: «بىر قانچە كۈندىن بۇيان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن جۈملىدىن غۇلجىدىن كېلىۋاتقان مۇسىبەتلىك خەۋەرلەر ھەممىمىزنىڭ يۈرەكلىرىنى ئەزدى. بۈگۈن مانا ئەزىمەتلىرىمىز مۇشۇ زۇلۇمغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلدى، بۇ ئەلۋەتتە بىر باشلىنىش دەپ ئويلايمەن. بىز بۇ باشلىنىشنىڭ فىرانسىيەدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادا ئېلىپ بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز، پۈتۈن دۇنيادىكى ۋەتەنداشلىرىمىز ئورنىدىن دەس تۇرۇشى كېرەك. بۈگۈنكى پائالىيىتىمىز گەرچە ۋەتەندىكى زۇلۇم چېكىۋاتقان خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى كىچىككىنە ھەرىكىتىمىز بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئارقىلىق خىتايغا بولغان غەزىپىمىزنى ئىپادىلىدۇق دەپ ئويلايمەن، چۈنكى ۋەتىنىمىزنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى خىتاي كونسۇلخانىسى چېدىرىنىڭ ئالدىدا لەپىلدىتىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ لوزۇنكىلىرىغا قىپقىزىل رەڭلىك بوياقلارنى چاچتۇق، جاراڭلىق شوئارلىرىمىزنى توۋلىدۇق.  قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن، ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا قارشىلىق نامايىشىنى قىلماقچى، شۇ نامايىشىمىزدا تېخىمۇ چوڭقۇر ھالدا ۋەتەندىكى بولۇپمۇ غۇلجىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە تەشۋىقاتىمىزنى قىلىماقچىمىز.» مىرقەدىر ئەپەندىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە نامايىش ئىشتىراكچىلىرى نۆۋەتتىكى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدىكى رەسىم، لوزۇنكا قاتارلىق تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى فېستىۋالنىڭ كىرىش ئېغىزى ئەتراپىدىكى تاملىرىغا چاپلىغان بولۇپ، بۇلار فېستىۋالغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان. 

پائالىيەت ئاياغلىشىپ قايتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كەينىگە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرى چۈشكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ك*** ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ دېيىشىچە قارا كىيىم كىيىۋالغان خىتاي خادىملىرى نامايىشچىلارنىڭ كەينىدىن رەسىمگە تارتىپ ئەگىشىپ ماڭغان. بۇنى بايقىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ ئۇ خىتايلارنى رەسىمگە ئالغىنىدا ئۇلار ئەگىشىشتىن توختىغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيەدىكى خىتاي كونسۇلىغا قارشى ھەرىكەتلەر ئەمەلىيەتتە بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان. ئىگىلىشىمىزچە 9-سېنتەبىر بىر قىسىم ياشلار قوللىرىغا تاش، تۇخۇم قاتارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى باش كونسۇلخانىسى ئىچىگە قارىتىپ ئاتقان( بۇ ھەقتە ئاگېنتلىقىمىز تارقاتقان سىنلىق كۆرۈنۈش بار)  10-سېنتەبىر كەچتە بىر قىسىم نامەلۇم كىشىلەر خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» دېگەن شوئارلارنى يېزىشقان. 

«فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ ئىجتىمائىي تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا 14-سېنتەبىر خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي غۇلجىدا ئۆز دەردىنى تۆككەن ئالتە ئۇيغۇرنى ئىغۋا تارقىتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىغۋا مەزمۇنى نېمە؟

چا سېنتەبىر 14 , 2022
خىتاي غۇلجىدا ئۆز دەردىنى تۆككەن ئالتە ئۇيغۇرنى ئىغۋا تارقىتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىغۋا مەزمۇنى نېمە؟

You May Like