ئىستانبۇلدا 5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا 5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

 ئىستانبۇلدا 5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى 

ئامىنە ۋايىت سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 5-فېۋرال

3-فېۋرال ئىستانبۇل زەيتۇن بۇرنۇ كازىلى چەشمە مەدەنىيەت مەركىزى ئاق دېڭىز سالونىدا 5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.  

«ئىلى مەشرەپ ۋەخپى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى»نىڭ تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى بۇ پائالىيەتنى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى»، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى»، «ئۇيغۇر ئىلىم_ مەدەنىيەت ۋەخپى»، «ئۇيغۇر ھەق-تەلەپ ۋە ئادالەت جەمئىيىتى»، «ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى»،  «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» قاتارلىق ئورۇنلارمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. 

پائالىيەت ئىككى دۆلەت ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. «ئىلى مەشرىپى ۋەخپى» باشلىقى جۈرئەت ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلدى ۋە ئارقىدىن پائالىيەتكە قاتناشقان ھەرقايسى جەمئىيەت ۋە دەرنەك ۋەكىللىرى ۋە جامائەت چوڭلىرىدىن قەمەر ئارتىش خانىم  قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆز قىلدى .كۆپچىلىك سۆزىدە مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشىشنىڭ يولىنىڭ باراۋەرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا «ئىلى مەشرەپ ۋەخپى»دىن قاسىمجان داموللا «شېھىتلار شەجەرىسى» تېمىسى ئاستىدا 5-فېۋرال غۇلجا نامايىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى، شېھىت ئابدۇخېلىل مىجىت ۋە شېھىت ھاممات مەمتىمىننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇردى.

پائالىيەتتە يەنە بىر قىسىم ياشلار ۋەتەننى كۈيلەيدىغان شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى.
3 سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان پائالىيەت 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنى ۋە بۇ ئىنقىلابنىڭ خىتاي جاللاتلىرىنىڭ قولى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى، قەتلىئامدا شېھىت بولغان ئىنقىلابچىلارنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى بىزلەرگە يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتتى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە قاتتىق يەر تەۋرىدى

دۈ فېۋرال 6 , 2023
تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە قاتتىق يەر تەۋرىدى

You May Like