دۇنيانىڭ ئالتۇن خەزىنىسى- ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسى

نيۇيورك مانخاتتان رايونىدىكى پۇل-مۇئامىلە بەلبېغىدا ئەدەبىيات-سەنئەت قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئوردا ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە ئەينەن مۇجەسسەملىگەن بىر قۇرۇلۇش كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئالاھىدە تارتىپ تۇرىدۇ، بۇ دەل ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسىنىڭ ئىشخانا بىناسى. بۇ يەرگە كىرىپ چىقىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى كاستيۇم-بۇرۇلكا كىيسە، يەنە بەزىلىرىنى ئەركىن كىيىم كىيىنىپ يۈرۈشىدۇ،

نيۇيورك مانخاتتان رايونىدىكى پۇل-مۇئامىلە بەلبېغىدا ئەدەبىيات-سەنئەت قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئوردا ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە ئەينەن مۇجەسسەملىگەن بىر قۇرۇلۇش كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئالاھىدە تارتىپ تۇرىدۇ، بۇ دەل ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسىنىڭ ئىشخانا بىناسى.   بۇ يەرگە كىرىپ چىقىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى كاستيۇم-بۇرۇلكا كىيسە، يەنە بەزىلىرىنى ئەركىن كىيىم كىيىنىپ يۈرۈشىدۇ، لېكىن ھەممىسى ناھايىتى ئالدىراش كىرىپ-چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە كىرگەن چاغدا كىنىشكىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ بۇ يەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلسا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە ئالدىن كېلىشىپ قويۇشى كېرەك.   ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ساقلاش ئورنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ يەردە ساقلانغان ئالتۇنلار دۇنيادىكى ئالتۇنلارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.   200 يىل ئىلگىرى «بانكا ئانىسى» دەپ نام ئالغان ئېنگىلاند بانكىسىدا ساقلانغان ئالتۇنلار دۇنيادىكى ھەرقانداق جايدىكىدىن كۆپ ئىدى.   ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە خارابلىشىۋاتقان بۈيۈك بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسى ئالتۇنلارنى توختىماي سېتىپ چىقاردى، تېز سۈرئەتتە قەد كۆتۈرۈۋاتقان ئامېرىكا ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ سېتىۋالغۇچىسىغا ئايلاندى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ئالتۇن زاپاس مىقدارى دۇنيا ئالتۇن زاپاس مىقدارىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىدى.   ئالتۇن سودىسى ساھەسىدىكى كەسپىي خادىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا چېگرىسى ئىچىدىكى ئالتۇن زاپاس مىقدارى 12 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 8000 توننىدىن كۆپرەكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئىكەن. ۋال سىترىت كوچىسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قالغان 3000 توننىدىن كۆپرەكى دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە ياۋروپا مەكىزى بانكىسى، ئېنگىلاند بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تەۋە ئىكەن. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ قولىدىن بۇ ئالتۇنلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن تېخى نيۇيوركتىكى غەزىنىدىن يۆتكەپ كەتمىگەن ئىكەن. بۇ يەردە 122 ئالتۇن ساقلاش ئۆيى بار بولۇپ، ئەڭ چوڭىغا 110 مىڭ دانە كېسەك ئالتۇننى قويغىلى بولىدۇ، بۇلارنى دۆۋىلىسە ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر، كەڭلىكى ئۈچ مېتىر، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر بولىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلار ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشقا بەكرەك قىزىقىدۇ

پە ئاپرېل 26 , 2018
نايت فىرەنك (Knight Frank)نىڭ 2018-يىللىق بايلىق تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلارنىڭ تۇرالغۇسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئائىلىگە تۆت يۈرۈشتىن كۆپرەك ئۆي توغرا كېلىدىكەن. 2017

You May Like